ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى

مەنبە : كۈنتاج تورى يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 652 يوللانغان ۋاقىت : 2016/12/26
elan

1 . ئىچكى ئاجراتمىنىڭ قالايمىقانلىشىشى 
(1) ئانىلىق ھورموننىڭ يېتىشمەسلىكى: ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن ياكى تۇخۇمداننى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن سۆڭەك مىقدارى يوقىلىشقا باشلايدىكەن، بولۇپمۇ تۇخۇمداننى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلاردا سۆڭەك ماددىسىنىڭ يوقىلىشى ئەڭ تېز بولىدىكەن.
(2)  قالقانسىمان يان بەز ھورمونى: ئاز مىقداردىكى قالقانسىمان يان بەز ھورمونى سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىنى غىدىقلاپ، سۆڭەكنىڭ ھاسىل بولىشىنى تېزلىتىدۇ، كۆپ مىقداردىكى قالقانسىمان يان بەز ھورمونى چوڭ يەككە يادرولىق ھۈجەيرىنى سۆڭەك بۇزغۇچى ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرۇپ، سۆڭەكنىڭ سۈمۈرىشىنى  تېزلىتىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قالقانسىمان يان بەز ھورمونىنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرىلايدۇ.
(3) ئىرقىي پەرق: ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قارا تەنلىك ئاياللارنىڭ سۆڭەك ماددىسىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى باشقا ئىرىقتىكىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن، ئاسىيالىقلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن، ئاق تەنلىكلەرنىڭ يانپاش سۆڭىكىنىڭ زىچلىقى ئاسىيالىقلار بىلەن نېگىرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن.

 


2. سۆڭەكنىڭ سۈمۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلى، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا سۆڭەكنىڭ سۈمۈرۈشى سۆڭەكنىڭ ھاسىل بولۇشىدىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭدەك كالتسىي ۋە فوسفورغا بولغان ئىھتىياجىمۇ ھامىلدار بولمىغان ئاياللارغا قارىغاندا 1 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرىلايدۇ، ھامىلدارلىق قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئوزۇقلۇق، كالتسىي ۋە D Vitamin نىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. 
  3. تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى 
ھەرىكەت قىلىشنى خالىماسلىق ياكى ھەرىكەتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى:  ياشانغانلار كۆپرەك مېڭىپ بەرگەندە سۆڭەكنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى يۇقىرىلايدۇ. ھەرىكەتلىنىشنى خالىمايدىغانلار ئوڭايلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئاكتىپ ياكى پاسسىپ ئامىللارتۈپەيلىدىن ئورگانىزم ھەرىكەتتىن توختىغاندا سۆڭەكنىڭ مېخانىكىلىق غىدىقلىنىشى يوقىلىپ، يېتىلگەن سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى تورمۇزلىنىپ سۆڭەك بۇزغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى كۈچۈيىدۇ. ئۇندىن باشقا شىكەر پوستىلاق ھورمونلىرى، قان ئۇيۇشقا قارشى دورىلارمۇ سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Elan 250
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى