ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

مەنبە : كۈنتاج تورى يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 779 يوللانغان ۋاقىت : 2016/10/30
elan

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى باشقا ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاشقازاندىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئىچىدە، بەز راكى (腺癌) 95% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ بۇمۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەزىم قىلىش يولىدا كۆرۈلىدىغان ئۆسمە. ئۇنى ھەتتا ئىنسانلاردا كۆرۈلگەن ئەڭ يامان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆسمە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئىنتايىن ئاجىز ئاغرىق ئالامىتى بولىدۇ. بىراق روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا بولسا، كېسەللىك ئاللىبۇرۇن پىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ ۋاقتىدا بايقاش كېرەك.


بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك بەش خىل سىگنالغا ئېتىبارسىز قارىماسلىقى كېرەك: 
1. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسىمى ئاغرىش: بۇ ئادەتتە ئاشقازان راكىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامىتى. دەسلەپتە ناگان ناگاندا يوشۇرۇن ئاغرىيدۇ، ئادەتتە كۆپ ھاللاردا ئاشقازان ياللۇغى ياكى يارىسى دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.

2. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسىمى بىئارام بولۇش: كۆپۈپ كەتكەندەك ياكى كۈيۈۋاتقاندەك ھېسياتتا بولىدۇ. بەزىدە توختايدۇ، يەنە ئارىلاپ قوزغىلىپ قالىدۇ. 
3. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆپ كېكىرىش: ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىدا كۆپىنچە شۇنىڭدەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى