ئورنىڭىز: كۈنتاج تورى > رەسىملەر دۇنياسى > سەنئەتكارلار > >ئەينى يىللاردا ھوللىۋودتا بىر چاقناپلا غايىب بولغان ئارتىسلار

ئەينى يىللاردا ھوللىۋودتا بىر چاقناپلا غايىب بولغان ئارتىسلار

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 2684 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/12
elan 640*60

مېگان فوكس


«Transformers» مېگان فوكىسنىڭ ئىسمىنى ھەممىگە تونۇتتى، لېكىن مېگان فوكسنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىزغا چىققۇدەك ئەسىرى بارمۇ؟ ئەمەلىيەتتىمۇ مېگان فوكسنىڭ رول ئېلىش ئىقتىدارى يوق، «Transformers»نىڭ رېژىسسورى بىلەن ئازارلىشىپ  بۇ كىنونى ئىشلەشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن باشقا تۈزەكرەك سودا فىلىملىرىنىڭ توختىمىغا ئېرىشەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۆسەك خەۋەر ئوغۇل دوستلىرىغا تايىنىپ خەۋەر بەت يۈزىنى ئىگەللەيدىغان ئەمەس بەلكى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ بالىسىنى باقىدىغان ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى يىل تونۇلغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئامما نەزىرىدىن غايىپ بولدى.

دانىئل كرەيگ



دانىئىل كرەيگنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى كەسپى تەرەققىياتى خاررى پوتتېردەك يۇقىرى نۇقتىنى يارىتالىشى تازا مۇمكىن ئەمەس. ئاساسلىق سەۋەب دانىئل كرەيگنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە چىرايى. ئۇنىڭ بوي ئايال چولپانلارنى ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىدىنمۇ پاكار ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا چىرايىمۇ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ.

ئېمما روبېرتس



جۇلىيە روبېرتىسنىڭ جىيەنى ئېمما روبېرتىس ھاممىسىدەك  يۇقىرى پەللىگە يېتەلمىدى. رول ئېلىش ئىقتىدارى ناچار ئېمما 10 نەچچە ياش ۋاقتىلىرىدا چىرايلىقلىقى ۋە جۇشقۇنلىغا تايىنىپ بىرقانچە يىل ياش-ئۆسمۈرلەر فىلىمىدە رول ئېلىپ نام قازانغاندىن بولسىمۇ لېكىن كېيىن يېشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگشىىپ بارا-بارا سەپتىن چۈشۈپ قالدى.


رىيان راينولدس



رىيان راينولدس ئۇزۇن يىل مۇسكۇلىنى كۆز كۆز قىلىش ۋە ئاياللارغا ۋە ھەمجىنىسلارغا ياقىدىغان ئوماق كېلىشكەن چىرايى بىلەن 2009-يىلى ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالغان. شۇ يىللىق «دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار ئەر» بولۇپ باھالانغاندىن باشقا گېزىت ژۇرناللار يامغۇردەك پەيدا بولغان. دەرۋە ئۇ نام چىقىرىۋالغاندىن كېينلا سىكارلىت جوھانسون بىلەن تېز سۈرئەتتە ئاجراشتى، لېكىن ئۇ باش رول ئالغان فىلىملەر كەينى-كەينى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغاندىن كېيىن ئۇمۇ ئەسلىي قىياپىتىگە قايتتى. گەپ يەنىلا ئۇنىڭدا رول ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدە. 

كەسرىن خېيگىل


ئەينى يىللاردا كەسرىن خېيگىل  «پراكتىكانت دوختۇر گرېي»دا رول ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يېڭى يېڭى رېكورتلارنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن كەسرىن خېيگىل رول ئالغان فىلىملەر قوش مۇۋەپپەقىيەت يارىتىپ، كەسرىن خېيگىل بىردەمدىلا بىرىنچى سەپتىكى كىنو چولپانلىرىدىن بولۇپ قالغان، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى مېگان رىيان، جۇلىيە روبېرتىسدىن كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ بىر ئەۋلاد «تاتلىق قىزى» بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىغان. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن كەسرىن خېيگىل باش رول ئالغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولدى، ئۇمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلدى.

جېسسىكا ئەلبا


«Fantastic Four» قاتارلىق فىلىملەر جېسسىكا ئەلبانىڭ گۈزەل ھۆسىنىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورناتقان. ئۇ ۋاقىتتا جېسسىكا ئەلبا پۈتۈن خەلقنىڭ مەبۇدىسى ئىدى. لېكىن جېسسىكانىڭ رول ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ تايىنى بولمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قويۇق لاتىن ئامېرىكىلىق چىرايى ئۇنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى،  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان  ئۇ ئىشلىگەن كىنولارنىڭ سانى ئاز ھەمدە بۇ فىلىملەر ھەممىسى دېگۈەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. ھازىر جېسسىكا ئەلبا بىر ئارتىس سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى مودا شەخىس، «كوچا سۈرەت خانىشى» سۈپىتىدە خەۋەر سەھىپىلىرىدە پەيدا بولىدۇ.

ئاماندا باينېس



نۇرغۇن بازارلىق كومىدىيىلىك فىلىملەردە ئاماندا باينس ئەقىللىق، ئاقكۆڭۈل قىزلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن، گەرچە ئاماندانىڭ رول ئېلىش ئىقتىدارى يامان ئەمەس بولسىمۇ لېكىن ياش-ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن كېيىن شۇنىڭدىن كېيىن ئاماندا باينىس ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يولنى تاپالمىدى، 2010-يىلى سەنئەت ساھەسىدىن چېكىنگەندىن ئۇ يەنە گېپىگە پۇشايمان قىلىپ قايتىپ كەلدى، لېكىن  بۇ ۋاقىتتا ئالىقاچان روھىي كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئاماندا كىشىلەرنىڭ مازاق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.


رىيان فىلىپپى


2000-يىللارنىڭ بېشىدىكى ئامېرىكىدا داڭ چىقارغان ئارتىس رىيان فىلىپپىنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى ھەممىمىز بىلىدىغان «گۇگۇم»دىكى ئۈچ چولپاندىن قېلىشمايتتى. لېكىن ئەپسۇس كېينكى ۋاقىتلاردا ئۇ تازا كۈچىيەلمىدى ۋە ئاقار يۇلتۇزدەك بىر چاقناپ ئۆتۈپ كېتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىدى. لېكىن رىيان فىلىپىنىڭ كەسپى تەرەققىياتى مۇنداقراق بولغان بىلەن ئاياللاردىن تەلىيى بار. ئوسكار خانىشى رەسى ۋىزىسپون ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى. ئاماندا سېيفريېد ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، ھازىرقى قىز دوستى بولسا ئاۋسترالىيەلىك چولپان ئەبى كورنىش.


ئەمى روسسۇم


2004-يىلى چوڭ ناخشا ئۇسسۇللۇق فىلىم «ئوپېرانىڭ روھى» ۋە ئاپەت فىلىمى «ئۆگۈنلۈككە» ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا گۈزەل قىز ئەمى روسسۇمنى ئېسىدە تۇتۇۋالغان. ھەممە زور ئۈمىد يۈكىلگەن ئەمى روسسۇم بولسا شۇنىڭغا لايىق نەتىجە چىقىرالماي قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىرقانچە ئەخلەت فىلىمدە رول ئالغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىپ بولغان. 2011-يىلىغا كەلگەندە ئۇ يەنە تېلېۋزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىشقا باشلىدى، ئۇ يەنە كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتالامدۇ؟ مۇمكىن، لېكىن ناھايىتى تەس.


خايدىن كىرىستىن


2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا «پلانېتالار ئارا ئۇرۇش »بىلەن خايدىن كرىستىن بىراقلا تونۇلغان،لېكىن بىرنەچچە يىلدىن كېيىن رول ئېلىش ئىقتىدارى ناچار خايدىنمۇ سەپتىن قېلىپ قىلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىدى. ئاخىرى جۇڭگودا ليۇ يىفىي بىلەن كىنو ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان كۈنگە قالدى.

لىنزى لوخان


ھوللىۋودتىكى تالانتلىق بالا چولپان، 2004-يىلى « ئەسكى قىز» بىلەن بىراقلا ئامېرىكىقلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتسقا ئايلانغان. لېكىن نام ئاتاق بىلەن تەڭ كەلگەن ئىزىقتۇرۇشلار ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولمىغان لىنزىنى تۇيۇق يولغا ئېلىپ كىردى. زەھەر، ئىسپىرت بىلەن لىنزى كەسپىنىلا ئەمەس ئۆزىنى ھاياتىنى، ساغلاملىقىنى ۋەيران قىلدى.


براندون روس


2006-يىلى «يېڭى دەرىجىدىن تاشقىرى» ئادەم بىلەن كىشىلەر بۇ قامەتلىك يىگىتنى تونۇۋالدى، ئەمما بۇ فىلىم بەكلا ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن براندونمۇ ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇلدى.كېيىن براندون تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ جان باقماقچى بولغان بولسىمۇ لېكىن ئوڭۇشلۇق بولمىدى.


توبى ماگۇرى


ئەمەلىيەتتە توبى ماگۇرىنىڭ ئوخشاش باشلىنىش نۇقتىسى شۇنچە ياخشى بولغاندىن كېيىن تەرەقىياتىمۇ تېخىمۇ شانلىق بولسا توغرا بولاتتى. ئەپسۇس  « ئۆمۈچۈك پالۋان» يۈرۈشلۈك فىلىملىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئۇ ئاساسەن غايىپلا بولدى.ھازىر كىشىلەر ئۇنى لىئوناردو دىكاپىرونىڭ يېقىن ئاغىنىسى سۈپىتىدە ئەسكە ئالىدۇ.


ئورلەندو بلوم


ئورلەندو بلوم ئەينى دەۋردە «ھۆكۈمران ئۈزۈك»، «كارېب دېڭىزى قاراقچىسى» بىلەن مىسىلسىز دەرىجىدە داڭ قازانغان، تالايلىغان قىزلار ئۇنىڭ ئۈچۈن مەستانە بولغان . لېكىن بۇ كېلىشكەن يىگىتنىڭ رول ئېلىش ئىقتىدارى ناچار  بولغانلىقى ئۈچۈن كىنولىرىمۇ بارغانسىرى ناچارلاشقىلى تۇردى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئۆزىدىكى ئىلگىرى جەلىپكارلىقنى يۈتتۈرۈپ قويدى. ئەينى يىللاردا ئۇنىڭ نام شۆھرىتى بىلەن داڭ چىقىرىۋالغان مىراندا كېر بولسا بارغانسىرى تونۇلۇپ كەتتى، ئورلەندو بلوم مىراندا كېرنىڭ كوچا سۈرەتلىرىدىكى قوشۇمچە رولغا ئايلىنىپ قالدى. مىراندا كېر بىلەن ئاجىرىشپ كەتكەندىن كېين بولسا، ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمىسە كېرەك،

ئادرېىن برودىي


تارىختىكى ئەڭ ياش كىنو شاھى ئادرىيىن برودى ئوسكار مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن كەسپى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. لېكىن بۇ كىنو شاھىمۇ «ئوسكار ئەپسۇنى» قۇتۇلالمىدى، كېيىن ئىشلىگەن غەيرىي، ئەخلەت كىنولار ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگوغا كېلىپ كىنو ئىشلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. لېكىن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يىرى ئادرىين برودىنىڭ يەنىلا رول ئېلىش ماھارىتى بار، ئەگەر ۋاقتىىدا ئۆز يولىنى تېپىپ ياخشى سىنارىيەلەرنى تاپالىسا ئۇنىڭ كەسپىنىڭ ئىككىنچى باھارىنى كۈتىۋالالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

ۋىنونا رىدىر


بالا ئارتىسلىقتىن كىلىپ چىققان ۋىنونا رايدىر 90-يىللاردا كەسپى شۇ دەرىجىگە يەتكەن، ئۇ كىنو مەستانلىرى قەلبىدىكى ئايال ئىلاھ ئىدى ، كەسپىي ساھەدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ئىتراپ قىلاتتى، ئىككى قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقى، ئېسىل سودا فىلىملىرى بىلەن ۋىنونا تارىختىكى ئەڭ كلاسسىك چولپانلاردىن بولۇپ قېلىش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى ئىش ئىدى، لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس ۋىنونانىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىكى مۈشكۈلاتلار ئۇنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا پۇتلا كاشاڭ بولدى.

ئەشتون كۇچىر


ئەمەلىيەتتە مودېللىقتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەشتۇن كۇچىرنىڭ ھازىرقى ھالىتىمۇ يامان ئەمەس. «كىپىنەك ئېففىكتى» بىلەن 2003،2004-يىللىرى ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان چولپان بولۇپ قالغان. كېيىنچە رول ئېلىش ماھارىتى يوق ئەشتۇن كۇچىرنىڭ دەۋرىمۇ تېزلا ئاخىرلاشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ يىللاردا ئەشتۇن كۇچىرمۇ خېلى تىرىشىپ باقتى، ئەسلىدە  فىلىم « جوبس» بىلەن نەتىجە قازىنىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لېكىن فىلىم پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. دېمى مور ۋە مىلا كۇنىس بىلەن بولغان مۇھەببىتى ئەشتۇننى تاماشا خەۋەرلەر سەھىپىسدە ساقلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.

elan 250*300
elan 90*300
elan 250*300
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى