ئورنىڭىز: كۈنتاج تورى > رەسىملەر دۇنياسى > ئەدىپلەر > >مۇھەممەدجان راشىدىن

مۇھەممەدجان راشىدىن

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 2286 يوللانغان ۋاقىت : 2016/08/25
elan 640*60


  شائىرمۇھەممەدجان راشىدىن 1940- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1955- يىلىدىن  1958- يىلى 3 - ئايغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1959- يىلى 5- ئايغىچە پىچان ناھىيەسىدە قايتا تەربىيە ئالغان. 1960- يىلىدىن 1968- يىلىغىچە چاپچال ناھىيەسى ۋە غۇلجا ناھىيەلىرىدە مەمۇرىي خادىم، تېخنىك، كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1968- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ناھەق جازالانغان، 1983- يىلى ئاقلىنىپ غۇلجا ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا  مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشكەن. 1989- يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغانغا قەدەر، شۇ مەكتەپتەتىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمى مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن.

    مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958- يىلى «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئىلى دەرياسى» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شېئىر ئىجادىيىتىگە رەسمىي كىرىشكەن. بولۇپمۇ 1980- يىللىرىدىن كېيىن ئىجادىيەتتە كۆرۈنەرلىك  ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن . ئۇ ھازىرغىچە «بۇ دۇنيا»، «بەزىلەر»، «سەن يوق»، «كۈت»، «مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس»، «يىللارئىزى»، «مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن» قاتارلىق 1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان. مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ بۇ ئىجادىيەتلىرى «كاككۇكگۈلى»، «يىللار ئىزى»، «كۈنلەر ئالبۇمى»، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى»، «ھايات دېگەن مانا شۇ»، «ئانا تاغلار» دېگەن ناملاردا توپلام  قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.
    مۇھەممەدجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيەتلىرىدىن باشقا يەنە پىروزا ئىجادىيەتلىرى بىلەنمۇ  شۇغۇللىنىپ 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېسىت ۋە  ئەسلىمىلىرىنى ئېلان قىلغان.

elan 250*300
elan 90*300
elan 250*300
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى