دۇنيا لوڭقىسى: بىرازىلىيە 0:2 مېكسىكا، مېكسىكا شاللاندى

مەنبە : نۇر يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 959 يوللانغان ۋاقىت : 2018/07/16
elan


6ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 22:00دىكى دۇنيا لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن مېكسىكا كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا نېيمار، خېسۇس ۋە كوتىنھو نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا بىرازىلىيە كوماندىسىدىن نېيمار بىلەن فىرمىنو بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، بىرازىلىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى ھەمدە سەككىز كۈچلۈككە كىردى.
ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 22:00دىكى دۇنيا لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن مېكسىكا كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا نېيمار، خېسۇس ۋە كوتىنھو نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا بىرازىلىيە كوماندىسىدىن نېيمار بىلەن فىرمىنو بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، بىرازىلىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى ھەمدە سەككىز كۈچلۈككە كىردى

مۇسابىقىنىڭ 32-مىنۇتىدا بىرازىلىيە كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللىدى، كوتىنھو پاس چىقاردى، بىراق ئوچوئا خېسۇسنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا بىرازىلىيە كوماندىسى ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، بىراق نېيمار تەپكەن توپ قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.


مۇسابىقىنىڭ 47-مىنۇتىدا ئوچوئا كوتىنھونىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 50-مىنۇتىدا بىرازىلىيە كوماندىسى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، ۋىللىيەن چەكلەنگەن رايوندا پاس چىقىرىپ، نېيمار بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 54-مىنۇتىدا مېكسىكا كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللىدى، بىراق بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ بېكلىرى توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 56-مىنۇتىدا نېيمار تەپكەن توپ قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا ئوچوئا كوتىنھونىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 59-مىنۇتىدا كاسمېرو سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچىرىدى. مۇسابىقىنىڭ 60-مىنۇتىدا ئالىسسون كارلوسنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا ئوچوئا نېيمارنىڭ توپىنى توسىۋالدى
مۇسابىقىنىڭ 67-مىنۇتىدا ۋىللىيەن پاس چىقاردى، بىراق نېيمار تەپكەن توپ ئوچوئانىڭ قولىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 74-مىنۇتىدا، ئوچوئا خېسۇسنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 76-مىنۇتىدا مېكسىكا كوماندىسىدىن سالسېدو نېيمارنى يىقىتىۋەتكەچكە سېرىق كارتا جازاسى بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا، ئالىسسون لوۋرېننىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 79-مىنۇتىدا پاۋلىنھو فېرناندېنىھو بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 85-مىنۇتىدا، كوتىنھو فىرمىنو بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا مېكسىكا كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلىدى، بىراق ئالىسسون توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىدا نېيمار پاس چىقىرىپ، فىرمىنو بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، بىرازىلىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى ھەمدە سەككىز كۈچلۈككە كىردى

Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى