ئامېرىكىلىق ئەر-ئايال «قان شورىغۇچى ئالۋاستى» فىلىمىگە تەقلىد قىلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 2327 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

سىنا تورى 7-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

30 ياشلىق لوگان سوس (Logan South) بىلەن 29 ياشلىق دەلېي كاتېرىن (Daley Catherine) يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇستېس ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ئاۋستىن شەھىرىدە ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئەر-ئاياللار قان شورىغۇچى ئالۋاستى فىلىمىنىڭ مەستانىسى بولۇپ، بۇ شەھەردىكى قان شورىغۇ ئالۋاستىلار تەشكىلاتىنىڭ «پادىشاھى» بىلەن «خانىشى» دەپ قارالغان.

بۇ توي مۇراسىمى قان شورىغۇچى ئالۋاستى فىلىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە تەقلىد قىلىنغان مەنرىرە بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ ئەر-ئايال مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەشكىلاتقا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

دەلېي بىلەن لوگان توي مۇراسىمىنى لاھىيەلىگەندە «ئوپېرادىكى ئالۋاستى كۆلەڭگىسى» ۋە «ساھىبجامال بىلەن مەخلۇق»تىكى ئېستېتىكا ئېلېمېنتلىرىدىن پايدىلانغان. دەلېي توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان شىركەتتىكىلەرگە: «بىز تولىمۇ ئالاھىدە، ئەمما ئەنئەنىۋىيلىكىنى يوقاتمىغان توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالاھىدە توي مۇراسىمىدا تويى بولغان يىگىت لوگان زاكاس قىلىپ تىكتۈرۈلگەن دۇبۇلغا، پاسونى «دىراكۇلانىڭ تۇنجى يىلى»دىكى دىراكۇلانىڭ سەھنە كىيىمىگە ئوخشاش كىيىملەرنى كىيگەن. يېڭى كېلىن دەلېي بولسا ئەنئەنىۋىي ئاق توي كۆينىكى كىيىپ، قىزىل گۈل تۇتقان، بېشىغا تاج تاقىغان.

توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلار رۇمىنىيەگە 8 كۈنلۈك ساياھەتكە بارغان. دەلېي: «بۇ توي مۇراسىمى بىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى ھەم نۇرغۇن بېسىملارغىمۇ دۇچ كەلدۇق. بىراق، بىز بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزدىن بەكلا رازى بولدۇق» دېگەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى