ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1221 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا چىقارغان بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي ۋەزىپە، خىزمەت پىرىنسىپى، خىزمەت تۈزۈمى، ئۈنۈم قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىن يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپ ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيەنىڭ تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، پارتىيەنىڭ تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يول. ھازىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەل قىلغۇچ مەزگىل ۋە قىيىن باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولماقتا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ھەر قانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق» دېگەن ئاڭنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانىغا يېتىش، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 «پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوقۇم چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت بىلەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقىي ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ قىل دېگەننى قىلىش، قىلما دېگەننى قىلماسلىقىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

 «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى − پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر مەزگىللىك مەركىزىي ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، باشتىن-ئاخىر ئومۇمىيەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، ھەممە يەردە ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش؛ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇرۇشقا، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۈزەشنى كۈچەيتىش؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۇتۇقنىمۇ، كەمچىلىكنىمۇ مەلۇم قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئوبيېكتىپ، ئادىل باھالاپ، مەسىلىلەرنى تونۇش؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇپ، قەتئىي ھالدا دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - نىزاملار بويىچە ئىش كۆرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىغا تەتبىقلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر بولۇشى؛ ھەم ۋەزىپە، سۈرئەت، ئۈنۈمگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەم تونۇش، مەسئۇلىيەت، ئىستىلنى تەكشۈرۈپ، تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇپ، ۋەزىپىلەرنى ئايرىش، قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەستىقىي يوليورۇقلارنىڭ بېجىرىلىشى، بىرلەشمە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش، تەكشۈرۈش، قايتا قاراپ چىقىش، تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

 «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە چارىسىنى ياخشىلاپ ھەم ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يىللىق پىلانى ۋە باسقۇچلۇق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تۈزۈپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئىلمىيلىكى، كۆزلىمىلىكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، سەييارە ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مەسىلىلەرنى بايقاپ ھەم ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئالاقىدار رايون، تارماق، ئورۇنلارنى ئەستايىدىل تۈزىتىش، ساۋاق ئېلىشقا بۇيرۇپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىياسەتنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مەسىلە گەۋدىلىك رايون، تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ سۆھبەتلىشىش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى بەلگىلىك دائىرىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ياكى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىپ، تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەشكىلات-كادىرلار تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى، رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش مەزمۇنى دائىرىسىگە، نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاش تارماقلىرىنىڭ يىللىق باھالاش مەزمۇنى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

 «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ. تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، رەھبەرلەرنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى كۈچلۈك بولماسلىق، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەلەپ بويىچە دوكلات قىلماسلىق، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزەتمەسلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ئارىلىشىۋېلىش، كاشىلا پەيدا قىلىش، مەسىلە ئىنكاس قىلغان كادىر، ئاممىغا زەربە بېرىش، ئۆچ ئېلىش، زىيانكەشلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمەتچى خادىملىرى ۋەزىپىسىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ئەھۋاللىرىغا قارىتا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتكوم بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، تەرەپلەر قاتنىشىدىغان ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تەدبىر بەلگىلەش، ھەيدەكچىلىكنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى، پارتكومنىڭ شۇجىلىرى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، پارتكومنىڭ ئەزالىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇشى؛ پارتكوم بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ پارتكوم خىزمىتى تارماقلىرى، پارتگۇرۇپپىلار، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كادىرلارنى تەربىيەلەشنى كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەگە سادىق، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، كەسىپكە پىششىق، ئىستىلى دۇرۇس بولغان پارتكوم ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-06/06/content_603257.htm



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى