سانتاندېر بانكىسى بىر ياۋروغا ئىسپانىيەدىكى 5-چوڭ بانكىنى سېتىۋالدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1121 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

سىنا تورىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىسپانىيە سانتاندېر بانكىسى چارشەنبە كۈنى بىر ياۋرولۇق سىمىۋوللۇق باھادا قىيىنچىلىققا چوڭقۇر پاتقان ئىسپانىيە ئاۋام بانكىسى (Banco Popular Espanol SA)نى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسپانىيە ئاۋام بانكىسى ئىسپانىيەدىكى بەشىنچى چوڭ بانكا بولۇپ، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن قېلىپ قالغان 37 مىليارد ياۋرو تىرىلمەس ھېسابنى يۈكلىۋالغان، بۇ بانكىنىڭ پاي باھاسى ھازىرغا قەدەر يېرىمدىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى.

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېقىشچانلىق ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە يامانلاشقان بولغاچقا، ئىسپانىيە ئاۋام بانكىسى ۋەيران بولۇشى مۇمكىن دېگەن.

سانتاندېر بانكىسى يەنە بىر قېتىملىق تەخمىنەن يەتتە مىليارد ياۋرو مەبلەغ كۆپەيتىپ، ئىسپانىيە ئاۋام بانكىسىنىڭ قەرز ھېساباتى ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغ ۋە زاپاس پۇلنى غەملەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى