ئەلى بابا كىنوچىلىقى 1.2 مىليارد رۇپىيەگە ھىندىستاننىڭ توردا بېلەت سېتىش سۇپىسىنى سېتىۋالدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1136 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

سىنا تورى 6-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ھىندىستان سودا تورى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەلى بابا كىنوچىلىقى يېقىندا ھىندىستان TicketNew شىركىتىنىڭ كۆپ قىسىم پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىش سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون رۇپىيەگە يېقىنلاشقان، بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش TicketNewنىڭ تىجارەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى يەرلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە،TicketNew ھىندىستان چېننايدىكى بىر توردا بېلەت سېتىش سۇپىسى بولۇپ، TicketNewنىڭ بېلەت سېتىش تورى ھىندىستاندىكى تەخمىنەن 3000 ئېكراننى قاپلىغان، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە بېلەت سېتىش مىقدارى 100 مىڭ پارچە ئىكەن. ئەلى بابا كىنوچىلىقى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، TicketNew كەلگۈسى 8 ئاي ئىچىدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە بېلەت سېتىش مىقدارىنى 300 مىڭ پارچىغا كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.
ئەلى بابا كىنوچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشىغا نىسبەتەن، TicketNewنىڭ قۇرغۇچىسى رامكۇمار (Ramkumar Nammalvar) ھىندىستان نوپۇسىنىڭ تارقىلىشى كەڭ، توردا بېلەت سېتىش ساھەسىنىڭ بارلىق خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بىر سۇپىنى تېپىشى ناھايىتى تەس، دېدى.
TicketNew ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا ناھايىتى پۇختا ئاساسقا ئىگە بولۇپ، بولۇپمۇ 2- ۋە 3-دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى كىنوخانىلاردا سان جەھەتتە روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئۇ يەنە TicketNew تېخىمۇ كەڭ تاماشىبىنلار توپى بىلەن ئۇچرىشىشنى، تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرگە كېڭىيىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ كۆپ مىقداردىكى مەبلەغ ۋە تېخنىكا بايلىقى ئارقىلىق قوللاشقا موھتاج، دېدى.
TicketNewنى سېتىۋېلىش ئەلى بابا مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ ھىندىستاندا كېڭىيىشىگىمۇ پايدىلىق بولۇپ، نۆۋەتتە ئەلى بابا كىنوچىلىقى قارمىقىدا تاۋپياپياۋ (淘票票)دىن ئىبارەت توردا بېلەت سېتىش سۇپىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 3-ئايدا ئەلى بابا گۇرۇھى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئويۇن بېلىتى سېتىش سۇپىسى دامەي تورىنى (大麦网) سېتىۋالدى.
بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىشمۇ شۇنداقلا ئەلى بابا كىنوچىلىقىنىڭ توردا بېلەت سېتىش ئىشلىرى ساھەسىدە چەتئەلدىكى تۇنجى قېتىملىق سېتىۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەلى بابا كىنوچىلىقىنىڭ يەر شارىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئاللىقاچان باشلانغان بولۇپ، 2016-يىلى 9-ئۆكتەبىر ئەلى بابا كىنوچىلىقى ھوللىۋودتىكى ئالتە چوڭ كىنوچىلىق شىركىتىنىڭ بىرى، يەر شارى كىنو شىركىتى قارمىقىدىكى Amblin Partners بىلەن كەلگۈسى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تەرەققىيات پىلانىنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىدى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى