كېلەر يىلى ئامېرىكىنىڭ كۈنلۈك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون باكقا يېتىشى مۇمكىن

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 752 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

سىنا تورى 7-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CNBCنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى 6-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ 2018-يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرىنى ئۆرلىتىپ، كېلەر يىلى كۈنلۈك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون باكقا يېتىپ تارىخىي يۇقىرى نۇقتا يارىتىپ، 1970-يىلىدىكى 9 مىليون 600 مىڭ باك/كۈنلۈك ئەسلى رېكورتنى بۇزۇشى مۇمكىنلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خوۋارد (Howard Gruenspecht): «ئامېرىكىنىڭ زىچ نېفىتلىكى، بولۇپمۇ تېكساس ئىشتاتىدىكى زىچ نېفىتلىكنى قېدىرىش خىزمەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب. ئۆتكەن بىر يىلدا خام نېفىت قېدىرىش جانلىق قۇدۇقىنىڭ سانى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك كۆپەيدى» دېدى.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى 5-ئايدىكى دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 10 مىليون باك/كۈن گە يېقىنلىشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. بۇ قېتىمقى مۆلچەرنى ئۆرلىتىشى ئامېرىكا خام نېفىت ئېچىش كارخانىلىرىنىڭ ئوپېكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمىدىن پەيدا بولغان نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن تولۇق پايدىلانغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى. ئۆتكەن سەككىز ئايدا ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن %9 ئۆرلەپ 9 مىليون 300 مىڭ باك/كۈنگە يەتتى.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا 2018-يىللىق نېفىت باھاسى مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى، ھازىر غەربىي تېكساس خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 53.61 ئامېرىكا دوللىرى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇرۇنقى 55.10 ئامېرىكا دوللىرىدىن %2.7 تۆۋەنلىدى. بۇ ئورگان يەنە 2018-يىللىق بىرېنت خام نېفىتىنىڭ ئوتتۇرىچە باھا مۆلچەرىنى %2.6 تۆۋەنلەتتى. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى