ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا «شېكەر ماجىراسى»دا يارىشىپ سودا جېڭىدىن ساقلاندى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 998 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

سىنا تورى 7-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CNNMoneyنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا 6-ئىيۇن مېكسىكىنىڭ ئامېرىكىغا شېكەر ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بىر مەيدان سودا ماجىراسىنى ھەل قىلغان. سوغۇققان كاللا قاتتىق گەپنى يېڭىپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتا سۆھبەتلىشىش قەدىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ئۈمىد قوشقان.

ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا ئىمزالىغان شېكەر كېلىشىمى بىر مەيدان يوشۇرۇن سودا جېڭىدىن ساقلىنىشقا ياردەم قىلدى. مەسىلەن، سۆھبەت بۇزۇلسا ئامېرىكا مېكسىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان شېكەردىن جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىشى، مېكسىكا ئامېرىكىنىڭ كۆممىقوناق شېكىرى قىيامىدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىشى مۇمكىن ئىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن مېكسىكا ئامېرىكىغا ئايرىلغان شېكەر ئېكسپورتىنى ور دەرىجىدە ئازايتىشقا قوشۇلغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ شېكەر زاۋۇتلىرى مېكسىكىنىڭ ئايرىلغان شېكەرنى ئامېرىكىدا تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ ساتقانلىقىدىن قاخشاپ كەلگەن، چۈنكى مېكسىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەھسۇلاتلارغا تولۇقلىما بەرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېكسىكا ئامېرىكىغا تازىلانمىغان شېكەر ئېكسپورتىنى كۆپەيتىدۇ. مېكسىكىنىڭ تازىلانمىغان شېكەر كارخانىلىرى ئامېرىكا شېكەر زاۋۇتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خام ماتېرىيال تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ تازىلانمىغان شېكەردىن ياسالغان تەم قوشقۇچ ئىچىملىك ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كېلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ شېكەر ئىمپورت قىلىش ئېھتىياجىنى بايقىسا، تازىلانمىغان شېكەر بولسۇن ياكى ئايرىلغان شېكەر بولسۇن ئاۋۋال مېكسىكىدىن سېتىۋېلىشى كېرەك. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى