بىرما ئارمىيەسى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ پارچىسى ۋە قىسمەن يولۇچىلارنىڭ جەسىتىنى بايقىدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1185 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

يەر شارى تورى 8-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرما ئارمىيەسىنىڭ 122 ئادەم ئولتۇرغان بىر ترانسپورت ئايروپىلانى 7-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 1:35 ئۆتكەندە بىرمىنىڭ جەنۇبىدا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، بېرما ئارمىيەسى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقى ھەمدە قىسمەن يولۇچىلارنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.

بىرما دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەن 8:18 ئۆتكەندە تۇۋانىڭ غەربىگە 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قىسمەن ئايروپىلان پارچىلىرى ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.

نۆۋەتتە بايقىغانلىرىدىن ئايروپىلان پارچىسى، بىر ياشانغان ئادەمنىڭ، بىر ئايالنىڭ ۋە بىر بالىنىڭ جەسىتىنى ھەمدە بىر قىسىم قۇتقۇزۇش كىيىملىرى ئىكەن. 

بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى 7-ئىيۇن كەچتە دېيىشىچە، ئايروپىلاندىكى ئادەم سانى 122 ئىكەن، 14 نەپەر ئايروپىلان خادىمى ۋە 108 يولۇچى ئىكەن. يولۇچىلار ئىچىدە 35 نەپەر ھەربىي، 58 نەپەر قورامىغا يەتكەن ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە 15 بالا بار ئىكەن.

بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى 13:06 ئۆتكەندە بىرمىنىڭ تانىنساريى (Tanintharyi) ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان شەھىرى ميېئىك (Myeik)دىن ئۇچقان، ئەسلىگە رانگونغا بېرىشنى پىلانلىغان، ئايروپىلان 13:45 ئۆتكەندە تانىنساريى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تۇۋانىڭ غەربىي جەنۇبىغا 69 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تۇۋا ئايرودرومى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ئالاقىلاشقان، كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

بىرمە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، بىرما ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئايروپىلان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان رايوندا ئاختۇرۇشنى باشلىغان، بىر قىسىم پۇقرالار كېمىلىرىمۇ ئاختۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى