ئامېرىكا 50 مىڭ ئادەمنى توڭلىتىپ كەلگۈسىدە تىرىلدۈرۈشنى پىلانلىدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1312 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/02
elan

ئامېرىكا 50 مىڭ ئادەمنى توڭلىتىپ كەلگۈسىدە تىرىلدۈرۈشنى پىلانلىدى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

  داڭلىق ئارتىس سىتەيلون باش رول ئالغان «دەرىجىدىن تاشقىرى ساقچى» فىلىمدە، سىتەيلون بىر ساقچىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مۇزنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ توڭلىتىلىپ، 2032-يىلىغا بارغاندا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېرىتىپ تىرىلدۈرۈلىدۇ. بۇ بىر فانتازىيەلىك فىلىم ئەلۋەتتە. لېكىن ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات تۈرى مۇشۇ فانتازىيەلىك فىلىمدىكى ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر تەتقىقات تۈرى ھازىر 50 مىڭ نەپەر ئۆلۈش ئالدىدىكى بىمارنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا توڭلىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنلەردە تېخنىكا شارائىتى يار بەرگەندە، ئۇلارنى قايتىدىن ساغلام ھالەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان. رەسىمدە: ھازىر تېكساس ئىشتاتى كاڭ فورد شەھىرىگە سېلىنىۋاتقان «ۋاقىت-بوشلۇق ساياھەت كېمىسى» قۇرۇلۇشى.

داڭلىق ئارخىتېكتور Stephen Valentine ۋە ئۇنىڭ لايىھەسى.

ئادەم بەدىنىدىن باشقا يەنە، ھۈجەيرە، توقۇلما ۋە ئادەم ئەزالىرى قاتارلىقلارمۇ «ۋاقىت-بوشلۇق ساياھەت كېمىسى» دە توڭلىتىلىدىكەن. Valentine چۈشەندۈرۈپ «بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنى كەلگۈسىگە ئېلىپ بېرىش» دېدى.

«ۋاقىت-بوشلۇق ساياھەت كېمىسى» نىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى پات يېقىندا باشلىنىدىكەن. قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش قىلىنغان ئورۇن ناھايىتى قاتتىق تەلەپ ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىنىدىكەن. ناھايىتى ئەتراپلىق لايىھەلىنىپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ھەر خىل تېررورلۇق ھۇجۇمى، تەبىئىي ئاپەت، ئېنېرگىيە كەمچىللىكى قاتارلىق بارلىق ئامىللارغا قارشى تۇرالايدىغان بولىدىكەن. مۇشۇ ئارقىلىق توڭلىتىلغان ئادەملەرنىڭ نەچچە 100 يىل مۇكەممەل ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە 50 يىل بۇرۇنلا توڭلىتىش تېخنىكىسى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. ھازىر نىيۇيوركتا 270 ئادەم ئوڭۇشلۇق ھالدا توڭلىتىلغان. لېكىن ھازىرغا كەلگىچە ھېچقانداق ئادەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېرىتىلمىگەن. رەسىمدە: ئەنگلىيەدىكى بىر خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىغا چاپلانغان تەشۋىقات رەسىمى بولۇپ، ئۆزىنى توڭلىتىپ قويۇشقا خالايدىغانلارنى توڭلىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كەلگۈسىدە تېخنىكا تەرەققىي قىلغان ۋاقىتتا ئاندىن ئۇلارنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈرمەكچى بولغان.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى