رەئىس ماۋ زېدۇڭ تەۋەللۇتىنىڭ 123 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 3297 يوللانغان ۋاقىت : 2017/01/04
elan

بۈگۈن 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى يەنى ئۇلۇغ داھىيىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى ھەم رەھبىرى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 123 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۈگۈن بارچە جۇڭگو پۇقرالىرى رەئىسىمىزنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمىز.

ماۋ زېدۇڭ (毛泽东) بولسا 1893-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋاپات بولغان، شائىر، ئۇلۇغ ماركىسىزىمچى، پرولېتارىيات ئىنقىلابچى، ستراتېگىيەچى، نەزەرىيىچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى ۋە رەھبىرى. 1949-يىلدىن 1976-يىلغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ماۋ زېدۇڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە رەئىس دەپ ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ «ماۋجۇشى» دەپ ئاتىغان.

ماۋ زېدۇڭ  ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىسلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، دەۋىر گېزىتىدە ئۇ 20-ئەسىردىكى تەسىر كۈچى بولغان 100 شەخىسنىڭ بىرى دەپ باھالانغان.

ماۋ زېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈردى، ئۇ جۇڭگونى ئۆزگەرتىش ئىشىغا 27 يىل رىياسەتچىلىك قىلدى.

ماۋ زېدۇڭ 1893-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگودىكى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋشەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئوتتۇرا ھاللىق دېھقان ئىدى. 1911-يىلى، ماۋزېدۇڭ 18 ياشقا كىرگەن يىلى، جۇڭگودا 17-ئەسىردىن باشلاپ جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاب پارتلىدى.

نەچچە ئاي ئىچىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت جاكارلاندى. ئەپسۇسكى، بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ داھىيلىرى جۇڭگودا بىرلىككە كەلگەن مۇستەھكەم ھۆكۈمەت ئاساسىنى تۇرغۇزالمىدى. ئىنقىلابتىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە ئىچكى ۋەزىيەت تۇراقلىق بولمىدى. ئىچكى ئۇرۇش تاكى 1949-يىلىغىچە داۋام قىلدى.

ماۋزېدۇڭ ياش ۋاقتىدا سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە سولچى ئىدى. 1921-يىلى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بىراق، 1935-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى.

شۇ مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قەتئىي قەدەملەر بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. 1927-يىلى ۋە 1934-يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، بىراق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇنىڭغا بەرداشلىق بەردى. 1935-يىلىدىن باشلاپ، ماۋزېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈچىيىشكە باشلىدى. 1947-يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىستلار جياڭ جيېشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ باردى.

1949-يىلى كومپارتىيە قوشۇنلىرى غەلىبە قىلىپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى.

ماۋ زېدۇڭ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، 36 يىلدىن ئارتۇق ئىچكى ئۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جۇڭگو، ھەممە يېرى جاراھەت بىلەن قاپلانغان، نامراتلىقتىن ھالى قالمىغان، ئاھالىسىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ساۋاتسىز ئىدى. بۇ چاغدىكى ماۋ زېدۇڭ 56 ياشتا ئىدى. ئۇ ئىچكى ئۇرۇش قالدۇرۇپ كەتكەن قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا مەغلۇپ بولۇشتىن ئەندىشە قىلاتتى. بىراق، ئۇ ئادەتتىن زىيادە چىداملىق ۋە غەيرەت بىلەن دۆلەتنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى، مائارىپ ئىشلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىدى. ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقتى. ئارقىدا قالغان جۇڭگوغا نىسبەتەن، بۇ ئۆزگىرىشلەر تېخى كۇپايە قىلمايتتى. دۆلەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتە كاپىتالىزم تۈزۈمىدىن سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كومپارتىيە ھۆكۈمىتى قىلغان ئىككىنچى ئىش ئىدى. سىياسىي جەھەتتە، ماۋزېدۇڭ قاتتىق دىكتاتۇرا تۈزۈمىنى ئورناتتى. ماۋ زېدۇڭ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قوزغاپ، شەخسلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بۇراشقا تىرىشتى؛ بۇ ئۆزگىرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى، چۈنكى جۇڭگولۇقلار ئائىلىگە ناھايىتى سادىقلىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇ يەنە كەڭ كۆلەمدە كۇڭزى تەلىماتىنى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەت خېلى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

1949-يىلدىن 1976-يىلىغىچە، ماۋ زېدۇڭ جۇڭگونىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئىدى. 1958-يىلدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ئۇنىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى يېزىلاردا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كۈچەيتىش پىلانى مەغلۇپ بولدى (بۇ پىلان قانداقلا بولمىسۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى) دەپ قارىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى پىلانى 1966-يىلى باشلانغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئىدى. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىچىدىكى بيۇروكراتچىلىققا قارشى بىر قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئىدى.

قىزىق يېرى شۇكى، ماۋزېدۇڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇنىڭ يېشى 60 تىن ئاشقان، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى باشلىغاندا يېشى 70 تىن ئاشقان، ئۇ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتتە يېقىنلىشىشقا باشلىغاندا 80 ياشقا كىرىپ قالغانىدى.

ماۋ زېدۇڭ ئەسلى شەھەردىكى سانائەت ئىشچىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيەنى قوللايدىغان مۇستەھكەم ئاساس بولۇپ چىقىدۇ، دەپ قارىغانىدى. بىراق، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، دېقھانلارنىڭ كۈچىگە تاياندى. ئۇ يېزا ئىگىلىككە ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.

ماۋ زېدۇڭ جۇڭگونى سوتسىيالىزىم يولىغا باشلاپ ماڭغان، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورناتقان.

ماۋ زېدۇڭ جۇڭخۇا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولىنى ئېچىپ بەرگەن، سوتسىيالىزىم يولىدا مېڭىپ جۇڭخۇا خەلقىنىڭ گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يېڭى دەۋرىنى باشلىغان.

خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان يېڭى دەۋرىنى ياراتقان، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى ئەمەلەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك ھەم ئەگرى-توقاي ئىزدىنىشىنى باشلىغان.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەمۇرىي ئورنىنى ئورناتقان، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەمۇرى ئورنىنى ئورناتقان، ماركىسىزىملىق سىياسىي پارتىيەسىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە مەمۇرىي ئورنىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى