شى جىنپىڭ خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 447 يوللانغان ۋاقىت : 2017/01/04
elan

شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-دېكابىر جۇڭنەنخەيدە خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگىلى بېيجىڭغا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12–ئاينىڭ 23–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12–ئاينىڭ 23–كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگىلى كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا باش مەمۇر لياڭ جېنيىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىگە باشلامچىلىق قىلىپ، سالماقلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، يەر – ئۆي، ياشانغانلارنى كۈتۈش–نامراتلارنى يۆلەش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ‹‹شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى››نى توسۇش، كوچىلاردىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي تۈردە نېگىزلىك قانۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نېگىزلىك قانۇن توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدىدى. مەركەز باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشى 20–يىلغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم››نىڭ شياڭگاڭ ئەمەلىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەممىگە ئايان. ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› بىر تۈرلۈك پۈتۈنلەي يېڭى ئىش بولۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئىش. ھازىر شياڭگاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىم بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە بارلىق شياڭگاڭ ئاھالىسى ئوخشاشلا ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشىنىڭ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى›› ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە توسۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلدى: ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە شياڭگاڭلىقلارنىڭ بەخت – سائادىتىگە، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە شياڭگاڭ جەمئىيىتى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىپ، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم››نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىنى نېگىزلىك قانۇن يولى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز لياڭ جېنيىڭنىڭ ئائىلە سەۋەبىدىن كېلەر نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىق سايلىمىغا قاتنىشالمايدىغانلىق قارارىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى چۈشىنىدۇ. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش مەمۇر لياڭ جېنيىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى بىلەن ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇننى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش ياساش، مۇۋاپىق نەتىجە يارىتىش››تەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى بويىچە مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساس سېلىش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش جەھەتتە نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› ئىشلىرى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ باش مەمۇرنىڭ ئۆزى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق شياڭگاڭ ئاھالىسىگە بولغان يېڭى يىللىق تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سورىدى.

جاڭ دېجياڭ، سۈن چۈنلەن، لى يۈەنچاۋ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12–ئاينىڭ 23–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12–ئاينىڭ 23–كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگىلى كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇنىڭ ئاۋمېننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر سۈي شىئەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، مۇقىم تەرەققىي قىلىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنىنى چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، سالماقلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، جامائەت مەمۇرىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، لاتارىيەچىلىكنى تەكشۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇھىم مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ‹‹13–بەش يىل››لىق يىرىك پىلانى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستىراتېگىيەسىگە پائال ماسلىشىپ، ئاۋمېن تارىخىدىكى تۇنجى بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاش مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى. مەركەز باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر ئاۋمېننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ياخشى، ئىقتىسادى ياخشىلىنىشقا باشلىدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش يادرولۇق قىممىتى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، بولۇپمۇ ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە بىرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئۈلگە تىكلىدى، مەركەز بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئومۇمىيىتى ۋە ئاۋمېننىڭ گۈللىنىش، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە قانات يايدۇرۇشتا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا، قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاۋمېننى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئاۋات قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ باش مەمۇرنىڭ ئۆزى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئاۋمېن ئاھالىسىگە بولغان يېڭى يىللىق تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سورىدى.

جاڭ دېجياڭ، سۈن چۈنلەن، لى يۈەنچاۋ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-12/25/content_574496.htm?lang=uy



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى