24 سائەت ئىچىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر: 25-دېكابىر

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 3263 يوللانغان ۋاقىت : 2016/12/26
elan

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 25-دېكابىر خەۋەرلىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1.رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى جەزىملەشتۈرىشىچە، 92 ئادەم ئولتۇرغان Tu-154 ھەربىي ئايروپىلانى موسكۋا ۋاقتى 25-دېكابىر ئەتىگەندە قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە سۇ ئاستىدىن ئايروپىلان پارچىسىنى بايقىغان.

2.ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 23-دېكابىر قارار ماقۇللاش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىندىكى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى ھەرىكىتىنىڭ «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى بارلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى. يەھۇدىيلار ئولتۇراق نۇقتىسى مەسىلىسىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنى ھىمايە قىلىپ كەلگەن ئامېرىكا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 36 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئولتۇراق نۇقتىسىغا ئالاقىدار قارار ماقۇللىشى.

3.ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى 23-دېكابىر دېيىشىچە، ساقچىلار گېرمانىيە بېرلىن روژدېستىۋا بازىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىكى جىنايەت گۇماندارى ئانىس ئەمرىنى 23-دېكابىر ئىتالىيەدە ئېتىۋەتكەن.

4.شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئامېرىكا ھاۋاي ئىشتاتى پيۇرېل خاربور پورتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولىدۇ. ياپونىيە مېدىيالىرىنىڭ دېيىشىچە، ئابې تارىختىن پايدىلىنىپ بىر قېتىملىق «ئىستراتېگىيەلىك دېپلوماتىيە»نى تاماملايدىكەن.

5.جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 2016-يىلدىكى ئاخىرقى نۆۋەتلىك پويىزى 24-دېكابىر كەچتە جېڭجۇ تۆمۈر يولى توپ قاچىلاش ساندۇقى مەركىزىي بېكىتىدىن يولغا چىقتى. بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ يولغا چىقىشى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بۇ يىللىق يولغا چىقىش سانىنى يېڭىلاپ 251 قېتىمغا يەتكۈزىدۇ.

6.ئامېرىكا ھەربىي سانائەت ماگنتاتى لوكخىد-مارتىن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارىليىن خېۋسون 23-دېكابىر دونالد تىرامپقا كاپالەت بېرىپ، F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

7.جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى 25-دېكابىر لائوسنىڭ شىمالىدىكى لۇئاڭ پراباڭدا ئۆتكۈزۈلدى. لائوس زۇڭلىسى جۇڭگو، لائوس ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنى يېتەكلەپ قۇرۇلۇش باشلىدى.

8.تۇنىس ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە بېرلىن روژدېستىۋا بازىرغا ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىكى ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئۈچ ئاشقۇن ئۇنسۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.

9. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دۇنباس رايونىدا 24-دېكابىر، ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. توقۇنۇش رايونى ئەتراپىدىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

10. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئورگىنىنىڭ دېيىشىچە، يېقىندا ئوتتۇرا دېڭىزدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پاراخوت ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ يىل ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش جەريانىدا قازا قىلغانلار سانى 5000دىن ئېشىپ كېتىپ، يېڭى رېكورت ياراتقان.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى