ئالىملار ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن روھىنىڭ ئالەمگە قايتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1446 يوللانغان ۋاقىت : 2016/11/16
elan

 

بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەمەلىيەتتە بىر «بىيو كومپيۇتېر» ئىكەن، ئادەمنىڭ ئېڭى چوڭ مېڭىگە جايلاشقان كۋانت كومپيۇتېر ئىجرا قىلىدىغان پروگرامما ئىكەن، بۇ پروگرامما ھەتتا بىز ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ روھىمۇ تەڭ ئۆلۈپ كەتمەستىن، بەلكى ئالەمگە قايتىپ كېتىدىكەن.

روھ زادى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرامدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتەمدۇ دېگەن قاراشقا ئائىت تالاش- تارتىشنىڭ ئايىغى چىققىنى يوق، تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان، تارىختىكى بۆيۈك مۇتەپەككۇرلار بۇ ئىشقا قىزىقىپ كەلمەكتە، روھنىڭ سىرلىقلىقىمۇ تەبئىي ھالدا نۇرغۇن ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلدى، ئەمما ھازىر بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «روھ ئۆلمەيدۇ، ئۇ ئالەمگە قايتىپ كېتىدۇ» دېگەن بىر يېڭى ھەقىقەتنى بايقىدى.

 

1996- يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىلىق فىزىك ستۇئارت خامېروف دوكتور بىلەن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ناركولوگىيە ۋە پسىخولوگىيە پەخرىي دوكتورى روگېر پېنروز كۋانت نەزەرىيەسى ئېڭى ئۈستىدە توختىلىپ، روھ مېڭە ھۈجەيرىسىدىكى مىكرو نەيچىدە ساقلىنىدۇ، دېگەن. ئۇلارنىڭ بۇ نەزەرىيەسىدە «ئادەمنىڭ روھىنى مېڭە ئىچىدىكى مىكرو نەيچە قۇرۇلمىسى دەپ ئاتالغان مېڭە ھۈجەيرىسى ئوراپ تۇرغان بولىدۇ» دېيىلگەن.

 

بۇ ئىككى تەتقىقاتچى ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر «بىيو كومپيۇتېر» ئىكەنلىكى، ئادەمنىڭ ئېڭى چوڭ مېڭىگە جايلاشقان كۋانت كومپيۇتېر ئىجرا قىلىدىغان پروگرامما ئىكەنلىكى، بۇ پروگرامما ھەتتا بىز ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى ئالىمنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ھېسسىي سەزگۈسى ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش «مىكرو نەيچە» ئىچىگە جايلاشقان «كۋانت تارتىش كۈچى» ھاسىل قىلغان ئېففېكتنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئىككى ئالىم بۇ جەريانغا «ماس ئوبيېكتلاشقان قايتىش» دەپ نام بەرگەن.

 

مەزكۇر نەزەرىيەدە ئېيتىلىشچە، ئادەم «كلىنىكىلىق ئۆلۈم» باسقۇچىغا كىرگەندە، چوڭ مېڭىگە جايلاشقان مىكرو نەيچە كۋانتلىق ھالىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ روھىمۇ تەڭ ئۆلۈپ كەتمەستىن، بەلكى ئالەمگە قايتىپ كېتىدىكەن.

دوكتور خامېروف مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ، قان ئايلىنىشتىن توختاپ، مىكرو نەيچە كۋانتلىق ھالىتىدىن مەھرۇم قالغان تەقدىردىمۇ، مىكرو نەيچە ئىچىدىكى كۋانت ئۇچۇرى يوقاپ كەتمەيدۇ، ئۇنى بىتچىت قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت ئالەمگە تارقىلىپ ۋە چېچىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىمار ھۇشىغا كەلسە، تىرىلىپ قالسا، كۋانتتىكى ئۇچۇرلار مىكرو نەيچە ئىچىگە قايتىپ كېلىدۇ، ھەمدە بىمار ‹مەن ئۆلۈم تەجرىبىسىگە ئىگە بولدۇم› دەيدۇ. ئەمما ئەگەر ئۇلار تىرىلمەي ئۆلۈپ كەتسە، بۇ كۋانت ئۇچۇرلىرى بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىپ، چەكسىز ھالدا روھ شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن.»

 

بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، ئادەمنىڭ روھى ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى نېۋرون بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى