ئاجەي دېۋگان بىلەن كاجولنىڭ مۇھەببىتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1093 يوللانغان ۋاقىت : 2016/11/10
elan

ئاجەي دېۋگان بىلەن كاجول مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغاندا تاراتقۇلار بىردەكلا :«بۇ ئىككىيلەن ئۇزۇنغا ماڭالمايدۇ!» دېيىشكەنىدى، چۈنكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىسنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ پەقەتلا ماس كەلمەيدىكەن.

ھەممىگە ئېنىقكى ئاجاي دېۋگان بىر ئاز تارتىنچاق ھەمدە ئىچكى مايىل، ئەكسىچە كاجول ناھايىتى شوخ، بىر قاقاھلاپ كۈلۈش بىلەنلا ھەممىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قويىدىغان پائالىيەتچان قىز. كىشىلەر ئۇلارنى توي قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يۈرىۋاتقان ۋاقىتلاردىلا ئايرىلىپ كېتىدۇ دەپ قاراشقانىدى. ئەمما بۇ ئىككىيلەن باشقىلارنىڭ پىنتە-ئىغۋالىرىگە قىلچە پەرۋا قىلماستىن بىللە يۈرۈپ ئاخىرى تويمۇ قىلدى، ھازىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ بەخىتلىك.

ئاجاي ئىككىسنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ :«بىز ئەزەلدىن بىر-بىرىمىزگە مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلمايتۇق، ھەتتا تويدىن بۇرۇن ئۇ ماڭا تەلەپمۇ قويمىغان. بىز بىللە ئويناپ خىزمەت قىلىش جەريانىدىمۇ توي توغرىلىق ئەزەلدىن پاراڭلاشمايتۇق، ئەمما ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلىگە توي قىلىشىمىز 15 كۈنلۈك تولۇن ئايدەك ئېنىق ئىدى» دېگەن.

بۇ «ماس كەلمەيدىغان» بىر جۈپلەر 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى توي قىلغان.

شاھرۇھ خان بىلەن گورى خان كاجول ۋە ئاجاي دېۋگاننىڭ توي مۇراسىمىدا.

«نومۇسچان يىگىت» دەپ نام ئالغان ئاجەي دېۋگان توينى مەخپىي يوسۇندا قىلىشنى خالايتتى. ئۇ ھەتتا تويىغا مەخسۇس فوتوگرافمۇ تەكلىپ قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت كاجوي بىلەنلا بىللە بولغۇسى بار ئىكەن. بۇ بىر جۈپلەر توي قىلغاندىن كېيىن ياۋروپاغا بېرىپ ئىككى ئاي شىرىنئاي ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.

مۇھەببەتلىشۋاتقان ۋاقىتنىڭ قانچىلىك گۈزەل بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئىككىسىنىڭ تويدىن كېيىنكى ھاياتىدا كۆپ داۋالغۇشلار بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تويدىن كېيىن كاجول يولدىشىنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن ئانچە چىقىشالمىغانىكەن. كېيىنچە كاجول قەيسەرلىك بىلەن بۇ قىيىنچىلىقلارنىمۇ يېڭىپ چىققان. بۇلارغا ئوخشاش داڭلىق ئارتىسلار تاراتقۇلارنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن خالىي بولالماسلىقى ئېنىق. ھەتتا بىر داڭلىق گېزىت ئاجاي دېۋگاننىڭ ياش قىزلار بىلەن بىللە يۈرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىمۇ ئېلان قىلغان.

بۇنىڭغا قارىتا كاجول مۇنداق دېگەن:«مەن ئۇ يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە ئىشەنمەيمەن، ھەمدە تاراتقۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان چۈشىنىمەن. ئەمەلىيەتتە سىزدە جۈپتىڭىزگە بولغان ئەقەللىي ئىشەنچ بولمىسا نىكاھمۇ ئۇزۇنغا بارالمايدۇ. مېنىڭ ئەمدى بۇنداق ئىغۋالارغا ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇم يوق».

2001-يىلى كاجول تۇنجى بالسىىغا قورساق كۆتۈرگەن. دېۋگاننىڭ ئائىلىدىكىلىرى تۇنجى نەۋرىلىك بولىدىغىنىنى ئويلاپ خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغانىدى، ئەمما بەختىكە قارشى كاجول ھامىلدار بولۇپ ئالتە ئايلىق بولغاندا بالىسى چۈشۈپ كەتكەن.

ئاجەي پەرىشان ھالدا تاراتقۇلارغا:«ئەر-ئايال ئىككىلىمىزنىڭ يۈرەك-باغرى ئېزىلىپ كېتەي دېدى، ئەمما بىز يەنىلا بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلماي ياشايمىز شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كاجول پات ئارىدا يەنە يېنىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن.

بويىدىن ئاجراپ ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ بىر جۈپلەر رەسمىي تۈردە ئاتا-ئانا بولغان. 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى كاجول چىرايلىق مەلىكىدىن بىرنى تۇغقان. ئۇلارنىڭ ئوغلى يۇگ يەتتە يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاجول رەسمىي تۈردە ئانا بولغان ھەمدە بىر قانچە قېتىم رول ئالىدىغان پۇرسەتنىمۇ ھەم رەت قىلغان.

خاراكتېرى ئوخشىمايدىغانلارمۇ بىللە بولالايدۇ !

كاجول بىر قېتىملىق زىيارەتتە:«مېنىڭ مىجەزىم بەك ئىتتىك ھەم ئاغزىم يامان، ئاجاي بولسا ئۆزىنى توختاتقان تەمكىن بىر ئەر. بەزىدە مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي سۆزلەپ قالسام ئۇ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ماڭا يول قويىدۇ» دېگەن.

بۇ بەخىتلىك بىر جۈپلەر ھاياتىدا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا بىر-بىرىدىن ئايرىلماي ھەمدەمدە بولۇپ كەلدى. ئاجەي:«بىزنىڭ خاراكتېرىمىز ئوخشىمىسىمۇ ئەمما بىز شۇ ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ مۇكەممەل بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن.

يېقىندا تاراتقۇلار ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇنچە خۇشال ھەم بەخىتلىك ئۆتىۋاتقانلىقىنىڭ سىرىنى سورىغان، بۇنىڭغا قارىتا كاجول :« بىز تويدىن بۇرۇن توپتوغرا تۆت يىل بىللە يۈردۇق، بىز ئۇ چاغلاردا ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق، مېنىڭچە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنچە ئۇزۇنغا مېڭىشىدىكى سەۋەب مەن ئادەتتە كۆپ سۆزلەيمەن، كاجول بولسا دائىم دېگەنلىرىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايدۇ. شۇڭا مەن ئىككىمىزنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ئاجاينىڭ كەمسۆزلىكىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن» دېگەن.

ئاجەي چاقچاق قىلىپ:«مەن بەزىدە ئۇنىڭ گىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلايمەن، بەزىدە يالغاندىن ئاڭلاۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىمەن» دېگەن.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى