قازاقىستاندا ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكچى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1120 يوللانغان ۋاقىت : 2016/10/21
elan


دۆلىتىمىزنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن شۇنداقلا قازاقىستان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستان دىيارىدا «ئوماق جانانىم» تېمىسىدىكى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكچى. ناخشا كېچىلىكىگە قازاقىستان خەلقى ۋە ئابلاجاننىڭ قىزغىن تەكلىپى بويىچە كۈي ئەلچىسى، ناخشا چولپىنى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ. ناخشا كېچىلىكى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا، ياركەنت ۋە چۈنجە قاتارلىق جايلىرىدا قويۇلماقچى. ناخشا كېچىلىكىنى رايونىمىزدىكى ئويۇن قويۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن شىنجاڭ كۈيچى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قەدىردىن سىتۇدىيىسى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇردى، قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە قازاقىستان يۇ ئا دى سىتۇدىيىسى ئالاھىدە قوللىدى. ناخشا كېچىلىكىدە كونا-يېڭى ئىجادىي ناخشىلار قازاقىستان خەلقىگە تەقدىم ئېتىلىدىغان بولۇپ ئابلاجان ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، يۇ دەنىس ئۇسسۇل سىتۇدىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇشقۇن ئابلىمىت ۋە ئابلاجان ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مىرزات ئۆمەر ئۇسسۇل تەڭكەش قىلىپ جۇشقۇن كەيپىياتلىق ئىككى سائەتنى ئۆتكۈزمەكچى.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى