مېيىپ ئايالغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان بەش ئەر گۇناھسىز دەپ قويىۋىتىلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1452 يوللانغان ۋاقىت : 2016/10/09
elan

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كېچىدە شىۋېتسىيە ۋىسبىي (Visby) رايونىدىكى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان بىر مېيىپ ئايال بەش نەپەر مۇساپىر ئەرنىڭ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان. بىراق 10-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ بەش ئەر گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭغا قارىتا سوت مەھكىمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بولسا: بۇ ئايال ھېچ قانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگەن، ياكى قېچىپ كەتمەكچىمۇ بولمىغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.

10-ئاينىڭ 1-كۈنى كىچىدە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان بۇ ئايال (1983-يىلى تۇغۇلغان) ۋىسبىيدىكى مەلۇم بىر ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىنى قاقتى، ئۇ ئەسلىدە ھاجەتخانىغا كىرىۋالماقچى بولغان ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئۆيدىكى بىر ئەر ھاجەتخانىغا كىرىپ ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلدى، كېيىن يەنە تۆت ئەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ كىرىشكە باشلىدى، پۈتۈن جەرياندا بىر قانچە سائەت كەتتى.

ئايال بۇ ئۆيدىن چىققاندىن كېيىن دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى. ساقچىلار دەرھال بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى. شىۋېتسارىيە كەچلىك گېزىتى (Aftonbladet) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بەش ئەرنىڭ ھەممىسى 20 نەچچە ياش ئەتراپىدا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، تۆت ئەر ئۆزلىرىنىڭ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ئۆزىنىڭ ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان بىر ئەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلمىدىم، ھەممە ئىش ئۇنىڭ رازىلىقى بىلەن بولدى، دېگەن.

سوت مەھكىمىسى بۇ دىلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئايال كىشى ھېچ قانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگەن ياكى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىشقا ئۇرۇنمىغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

بۇ ئايالنىڭ ئادۋوكاتى سىتاففان فىرېدرىكسون (Staffan Fredriksson) مۇنداق دېدى:«ئايال ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغان ئۇ ئەرلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنى تونىمايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ھەر بىر ئەر كىشى ئۆزىگە چېقىلغاندا، ۋارقىرىپ تۇرۇپ <ياق> دېگەنلىكىنى تەكىتلىدى.»

سىتاففان فىرېدرىكسون يەنە مۇنداق دېدى، ئۇ ئايال كىشى بىر مېيىپ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، ئۇنچىمۇ كۈچلۈك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى يالغۇز، شۇڭلاشقا قارشىلىق كۆرسىتىشكە ھېچ قانداق ئامال يوق، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھەممە رازى بولغانلىقنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئەمما يەنىلا شۇنى تەكىتلىمەي بولمايدۇكى، ئەگەر ئۇ ئەينى ۋاقىتتا باسقۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئەرلەرنىڭ بەدىنىنى تاتىلاپ ئازراق بولسىمۇ يارلاندۇرغان بولسا، ھازىر ئۇنىڭغا چوقۇم پايدىلىق بولغان بولار ئىدى.


خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەپتىش ئەمەلدارى ماتىس ۋىلبورگ (Mats Wihlborg) مۇنداق دېگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئايال قىلغان سۆزلەر ئۇنىڭ كۆز-قارىشىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەم بۇ بەش ئەرنى رەسمىي قولغا ئېلىشىمىزغا يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭلاشقا سوت مەھكىمىسى بەش ئەرنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.

ئادۋوكات سىتاففان فىرېدرىكسون يەنە مۇنداق دېدى، ئايال نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ روھىي جەھەتتىن ناھايىتى زور بېسىمغا دۇچ كەلدى، ھازىر ئۇ كەسپى خادىملارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن داۋالىشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

كۆپ قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دەپ ھەزىل قىلدى، ئىسلام دىنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئايالنىڭ چوقۇم باشقا تۆت مۇسۇلمان ئەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايىتىنى بىكىتكىلى بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ئايالمۇ «زىنا قىلىش جىنايىتى» ئۆتكۈزگەن ھېسابلىنىدۇ. ھازىر شىۋېتسىيەمۇ ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن يېقىنلىشىپ قاپتۇ.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى