بېنگالدا 80 ياشلىق بوۋايغا ئوخشايدىغان بوۋاق تۇغۇلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1717 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/30
elan

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بېنجامىن بۇتتوم (Benjamin Button) بېنگالنىڭ ماگۇرا رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، تۇغۇلغان ۋاقىتتىلا نورمال بالىلاردىن پەرقلىنەتتى، چۈنكى ئۇ قارىماققا 80 ياشلىق بوۋايغىلا ئوخشايتتى.

بۇتتومنىڭ مۇشۇنداق ھالەتتە تۇغۇلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، شۇ يەرلىك دوختۇرلار ئىنتايىن ھەيران قالدى.

دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇتتوم بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، «بالىلارنىڭ بالدۇر قېرىش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدىكەن.

بۇتتومنىڭ يۈزى قورۇق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بەدىنىمۇ يىگىلەپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆزلىرىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىنتايىن نۇرسىز كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭدا يېڭى تۇغۇلغانغا ئائىت ئىزنالارنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.

دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلارنىڭ بالدۇر قېرىش كېسىلى بالىلاردىكى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئالاھىدە بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بالىلارنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار پەقەت يەتتە ياشتىن 20 ياشقىچە ياشىيالايدۇ ھەمدە كۆپ قىسىمى يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكى قاتارلىق ياشانغانلار كېسەللىكى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ، نۆۋەتتە، بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يوق.

بىراق، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بېنجامىن بۇتتومنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۈرەتتە، دوختۇر بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بېنجامىن بۇتتومنى كۆتۈرۈۋالغان.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى