يەر شارىدىكى ئەڭ داڭلىق 10چوڭ قارا گۇرۇھ

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1345 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/30
elan

يەر شارىدىكى ئەڭ داڭلىق 10چوڭ قارا گۇرۇھ

10-شياڭگاڭ سەنخې ئۇيۇشمىسى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شۇنداقلا ئەڭ قورقۇنچلۇق تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇھى بولۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ ھەرىكىتى مەخپىي، تەشكىلىي تۈزۈمى قاتتىق، ئۇلارنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك، قاقتى-سوقتى قىلىش، شەھۋانىيلىق، تۇتقۇن قىلىش، ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتۈش، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ئوغرىلىقچە نەشىر قىلىش، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز، تۈرلۈك ئالدامچىلىق، قىمارۋازلىق قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان.

9-كانادا دوزاخ پەرىشتىسى قارا گۇرۇھى. بۇ گۇرۇھ نۆۋەتتە كانادادىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھقا ئايلانغان بولۇپ، باش شىتابى مونتىرېئال شەھىرىدە، ئومۇمىي ئەزاسى 40 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ.

8-ئامېرىكا يەھۇدىلار گۇرۇھى، بۇ گۇرۇھنىڭ ئامېرىكىدا «مەسلىھەتچى» دېگەن نامى بار.

7-داچۈەن گۇرۇھى. داچۈەن گۇرۇھى چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار ئەۋلادلىرىدىن تەشكىل تاپقان، سېسىق نامى پۇر كەتكەن گۇرۇھ بولۇپ، بۇ گۇرۇھ ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە شياڭگاڭ ۋە تەيۋەندىكى ليەنخۇا گۇرۇھى ۋە ۋېيتنام قارا گۇرۇھىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، ئاسىيالىقلار قارا گۇرۇھلىرىنىڭ غوجىسىغا ئايلانغان، بۇ گۇرۇھ شۇ جايلاردىكى زەھەر توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ يېرىمىنى كونترول قىلىۋالغان.

6-رۇسىيە قارا گۇرۇھى. رۇسىيە قارا گۇرۇھى قورال-ياراقنى نېگىرىيەدىن، زەھەرنى كولۇمبىيەدىن سېتىۋالىدىكەن، ئىتالىيە قارا گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ پۇل يۇيىدىكەن، ياپونىيە ياكۇزا قارا گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ شەھۋانىي بازار ئاچىدىكەن.

5-مېكسىكا قارا گۇرۇھى. مېكسىكا قارا گۇرۇھى مېكسىكا چېگرىسىدا تەرەققىي قىلغان گۇرۇھ بولۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سودىسىغا ئايلانغان، ھەر يىلى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان زەھەر مۇشۇ چېگرا ئارقىلىق ئامېرىكىغا كىرىدىكەن.

4-مېدىللىن گۇرۇھى. مېدىللىن گۇرۇھى زەھەر ئەتكەسچىلىكى جەھەتتە ئەڭ ھەددىدىن ئاشقان بىر قارا گۇرۇھ بولۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ ئاتامانى پابرو ئېسكوبا ئىلگىرى «بايلىق» ژۇرنىلىدا دۇنيادىكى7 چوڭ باينىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، ئۇنىڭ 40 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇنى بار بولۇپ، ئۇنى تۇتىۋالغان ساقچى ئۈچ كۈنگە قالماي قەستلىنىپ ئۆلگەن، ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كولۇمبىيە باش تەپتىشى ئۆلتۈرۈلۈپ جەسىتى كوچىغا تاشلىۋېتىلگەن ئىكەن.

3-ياكۇزا قارا گۇرۇھى. ياكۇزا قارا گۇرۇھى شەرقىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ بولۇپ، 100نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. نۆۋەتتە بۇ گۇرۇھنىڭ 100 مىڭ ئەزاسى بار بولۇپ، ئۈچ تارماق گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ياماگۇچى گۇرۇھىنىڭ 26 مىڭ ئەزاسى، ناتسۇمى گۇرۇھىنىڭ 8300 ئادىمى، جۇجى گۇرۇھىنىڭ 8200 ئەزاسى بار ئىكەن. ياكۇزا قارا گۇرۇھى ھەر يىلى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ %35 قىسمى زەھەر ئەتكەسچىلىكىدىن، %20 قىسمى قانۇنلۇق مەبلەغ سېلىشتىن كېلىدىكەن.

2-خۇڭمېن گۇرۇھى. خۇڭمېن گۇرۇھى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ بولۇپ، ئەزالىرى دۇنيادىكى ھەرقانداق قارا گۇرۇھتىن كۆپ، 2005-يىلىدىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا بۇ گۇرۇھنىڭ دۇنيادىكى بارلىق ئەزالىرىنىڭ سانى 900 مىڭدىن ئاشىدىكەن. خۇڭمېن گۇرۇھى ئېلىمىزنىڭ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى «تيەندى 天地会» ئۇيۇشمىسىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە 400 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئامېرىكا، فىرانسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋستىرالىيە، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان ئىكەن.

1-روسچېلىد Rothschild family جەمەتى گۇرۇھى. بۇ گۇرۇھ ياۋروپادىكى ئەڭ ھوقوقلۇق ھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىر گۇرۇھ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننىدى بۇ جەمەتنىڭ كۈچىگە سەل قاراپ، بۇ گۇرۇھنىڭ رەسمىيەتلىرىگە قول قويۇپ بەرگەن ئىكەن. بۇ گۇرۇھنىڭ زادى قانچىلىك بايلىقى بار دىگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئېلان قىلغان بايلىقى تەخمىنەن 30 تىرىلىيون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى