ئۈچ ئاي ئىچىدە مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق تېلىفونلارنى %100 ھەقىقىي ئىسمى بويىچە تىزىملايدۇ

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 506 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/30
elan

شىنخۇا تورىنىڭ 26-سېنتەبردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇخىبىرنىڭ 25-سېنتەبر سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەقىقىي ئىسمى بويىچە تىزىملاش نىسبىتىنى %96 كە يەتكۈزۈشكە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن %100 كەى يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن ھەم تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ئابونتلار تىزىملاش ئۇچۇرىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يەنە مۇنداق كۆرسەتكەن: مەۋھۇم تىجارەت سودىگەرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ

مۇناسىۋەتلىك كەسىپ مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى توختىتىش، تۈزىتىشكە كۈچىمىگەن، قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغانلارنى مۇناسىۋەتلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقىچە قانۇن بويىچە جازالاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تېلېگراف كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ، لىنىيەنى ئىجارىگە بېرىش، توپلاشتۇرۇلغان نۇمۇر، سودا باش ئاپپاراتى، «400 (HTTP ھالىتىدىكى بىر خىل نومۇر)» قاتارلىق مۇھىم تېلېگراف كەسىپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەتنى بىردەك مەنئىي قىلىدۇ ھەم نۇمۇر تارقىتىشنى يەنىمۇ قىلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تور تېلىفونى ۋە قانۇنسىز چاقىرغۇچى نۇمۇرلارنى توسۇش سالمىقىنى چوڭايتىپ، تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى