ماشىنىغا خاتا چىققان قىز رەزىل ئەرگە ئۇچراپ، يەتتە يىل جەسەت ساندۇقىغا سولاپ قويۇلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1454 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/13
elan

بۇ بىر ئېچىنىشلىق ھەم ئازابلىق ھېكايە، تاسادىپىي ۋەقە. ئامېرىكىدا بىر قىز 30 نەچچە يىل ئىلگىرى تاشيولدا ئەسلى چىقمىسا بولىدىغان ماشىنىغا چىقىپ قالغان، تەتۈر پەلەك شۇنىڭدىن باشلانغان.

سۈرەتتىن بۇ قىزنىڭ چىرايلىق ھەم خۇشخۇي ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ شوپۇرنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا پوپوزا قىلىپ، ئۆيىگە ئاپىرىپ ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىزنى جەسەت ساندۇقىغا سېلىپ قۇلۇپلاپ قويغان، ئۇنى بەك ئاز سىرتقا چىقارغان، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنى جەسەت ساندۇقىدىن چىقىرىپ باسقۇنچىلىق قىلغان.

ئۇ نەچچە قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قېچىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە تايىنىپ ھايات قىلغان، ئۇ ھەركۈنى سىرتقى دۇنيانى ئويلاپ ھايات قېلىشىغا ئۈمىد باغلىغان. بۇ بىچارە قىز جەسەت ساندۇقىدا توپتوغرا يەتتە يىل ياتقان، بۇ يەتتە يىل بىر كىشىنىڭ ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلۇقنىمۇ ئوقۇپ بولۇشىغا يېتىدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا قويۇپ بېرىلگەن، شۇ ئۆيدىكى ئايال خوجايىن ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى