جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 439 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/11
elan

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ 19–قېتىملىق جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيائەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شەرھلىدى


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋيېنتيان، 7–سېنتەبىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاينىڭ ۋاقتى بىلەن 9–ئاينىڭ 7–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لائوسنىڭ ۋيېنتياندىكى دۆلەت يىغىن مەركىزىدە 19–قېتىملىق جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (1+10) رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆھبەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ لائوس زۇڭلىسى تونلون بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

لى كېچياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى خەلقئارادىكى بوران–چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، چوڭ–كىچىك دۆلەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، بىرلىكتە پىلانلاپ تەرەققىي قىلىش تىپىنى تۇرغۇزدى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ 25 يىللىق تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئىككى تەرەپ ‹‹ئىشىنىش››نى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللىدى؛ ‹‹ئادىللىق››نى مۇھىم دەپ بىلىپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىدىغان ياخشى قوشنا، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇردى؛ ‹‹مەنپەئەت››نى مىزان قىلىپ، تەرەققىي قىلىش بۈيۈك پىلانى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتىدىن ئىبارەت ‹‹تورت››نى چوڭايتىپ، بىر–بىرىدىن ئايرىلالماسلىقتەك ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛ ‹‹كېلىشىش››نى ئەتىۋارلاپ، ئېچىۋېتىشتە، سىغدۇرۇشچانلىقتا، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ماجىرالارنى سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى، تىنچلىق، مۇقىملىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى.

لى كېچياڭ جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇنداق بەش نۇقتىدىن تەكلىپ بەردى:

بىرىنچى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات نىشانى ۋە يولىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى داۋاملىق قۇرۇپ چىقىدۇ. ‹‹7+2 ھەمكارلىق رامكىسى›› ۋە جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئائىت 3–‹‹ھەرىكەت پىلانى››نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر ساھەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ.

ئىككىنچى، سىياسىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلىش. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ‹‹ئىناق قوشنىدارچىلىق ھەمكارلىق شەرتنامىسى››نى كېلىشىپ ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقىنى قانۇن–تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى يادرو قوراللىرىدىن خالىي رايون قۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرەسمىي كۆرۈشۈشنى مېخانىزملاشتۇرۇشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى بويىچە مىنىستىرلار سۆھبىتى مېخانىزمىنى تېخىمۇ ئەمەلىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش. جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئائىت كېلىشىمنامىسىنىڭ ئالاقىدار نەتىجىسىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – لائوس تۆمۈريولى، جۇڭگو–تايلاند تۆمۈريولى، جاكارتا–باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئالاقىدار كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانائەتلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىق يېڭى تۈۋرۈكىنى يارىتىش. مائارىپ ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىق مەزمۇنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئالاقىلىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ 3–چوڭ تۈۋرۈكى قىلىدۇ. جۇڭگو ‹‹جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قوش 100 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئالماشتۇرۇش پىلانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش››نى يولغا قويۇپ، ئىككى تەرەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئومۇمىي كۆلىمىنى 2025–يىلىغا بارغاندا، 300 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.

بەشىنچى، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىش. لەنساڭجياڭ دەرياسى–مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى بويىچە تۇنجى باشلىقلار يىغىنىدا سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئىجتىمائىي خەلقچىللىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈۋرۈك، شۇنداقلا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپلەر ئىقتىدارى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد، سۇ بايلىقى، يېزا ئىگىلىكى ۋە نامراتلىقنى ئازايتىشتىن ئىبارەت بەش ئالدىن ھەمكارلىشىش ساھەسى بېكىتىلدى. لەنساڭجياڭ دەرياسى–مىكون دەرياسى ھەمكارلىق مەخسۇس تۈر فوندى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئىككىلەمچى رايون دۆلەتلىرى ئالاقە ھەمكارلىقى تۈرىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەنكى 25 يىل ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى ‹‹ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى›› بولۇپ، كېيىنكى 25 يىل ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپەت ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ‹‹پىشىپ يېتىلىش مەزگىلى››. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىللە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى 25 يىلدا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەتتاكى دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقى، ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ!

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋيېنتيان، 7–سېنتەبىر تېلېگراممىسى. لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن ھازىر نەنخەي دېڭىزى ۋەزىيىتى ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن پىرىنىسىپى بويىچە ھاسىل قىلغان ‹‹نەنخەي دېڭىزىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى››نىڭ يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك رايون بەلگىلىمىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ‹‹جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن دېڭىزدا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى قىزىق لىنىيەسى سۇپىسى يېتەكچى فاڭجېنى›› ۋە ‹‹جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان نەنخەي دېڭىزىدا <دېڭىزدا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش پىرىنىسىپى>نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى››نى ماقۇللايدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، دېڭىز خەتىرىنى ئازايتىپ، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخ بىلەن ئەمەلىيەت شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى، رايون ۋە دۆلەتلەر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاچقۇچىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتقاندىلا، نەنخەي دېڭىزىدا تىنچلىق، مۇقىملىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، كاشىلىنى تۈگىتىپ، ‹‹خىتابنامە››نىڭ روھى ۋە ‹‹قوش رېلىس››لىق تەپەككۇر بويىچە نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، نەنخەي دېڭىزىنى رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

يىغىندا ‹‹19–قېتىملىق جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆھبەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنى بىرلەشمە باياناتى››، ‹‹جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كەسىپلەر ئىقتىدارى ھەمكارلىقى بويىچە بىرلەشمە باياناتى››، ‹‹جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى قىزىق لىنىيەسى سۇپىسى يېتەكچى فاڭجېنى›› ۋە ‹‹جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان نەنخەي دېڭىزىدا <دېڭىزدا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش پىرىنسىپى>نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى›› قاتارلىق تۆت ھۆججەت ماقۇللاندى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-09/09/content_548723.htm



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى