كېلەر يىللىق ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 24-سېنتەبىر باشلىنىدۇ

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 383 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/11
elan

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى «2017-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، كېلەر يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تىزىملاش باشلىنىدۇ، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى دەسلەپكى ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. كېلەر يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئورۇن، كەسىپ ۋە رايون قاتارلىقلار بويىچە ئايرىم ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى دائىرىسىنى چەكلەشكە بولمايدۇ، ھەمدە باشقا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى شەرتلەرنى تەسىس قىلىشىغا بولمايدۇ.

بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كېلەر يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئايرىم-ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئورۇن، كەسىپ، رايون قاتارلىقلار بويىچە ئايرىم ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى دائىرىسىنى چەكلەشكە بولمايدۇ، ھەمدە باشقا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى شەرتلەرنى تەسىس قىلىشىغا بولمايدۇ. دۆلەت داۋاملىق 5000 نەپەر «ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئىستۇدېنت ئەسكەرلەر» مەخسۇس تۈر پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىراق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 39 مەكتەپ كۆپەيتىلىدۇ.

ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش ۋە نەقمەيداندا تىزىملىتىش قاتارلىق ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم توردا تىزىملىتىشى ھەمدە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش نۇقتىسىدىكى نەق مەيدانغا بېرىپ توردىكى ئۇچۇرلار، پۇل تاپشۇرۇش ۋە سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك. 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ھەر كۈنى سائەت 9 دىن 22 گىچە توردا ئالدىن تىزىملىتىشقا بولىدۇ، 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ھەركۈنى سائەت 9 دىن 22 گىچە توردا تىزىملىتىلىدۇ، مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، قايتا تولۇقلاپ تىزىملىتىلمايدۇ، ھەمدە تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. 2017-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى يازمىچە ئىمتىھان بولۇپ، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئاشىدىغان ئىمتىھان پەنلىرى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلمىغان ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنى دۆلەت بىردەك ئېتىراپ قىلمايدۇ.


مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15615479.html



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى