ھاياتىدا سەككىز قېتىم توي قىلىپ، يەتتە ئەرگە ياتلىق بولغان ساھىبجامال

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1462 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/11
elan

«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۆمۈرلۈك رىۋايەت ئېلزابىت تايلورنىڭ ھاياتىنى سەككىز قېتىملىق توي مۇراسىمى ۋە يەتتە ئەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئۇ خۇددى كىشىلەرگە ھارغىنلىقنى ھېس قىلدۇرمايدىغان «ساھىبجامال بېلىق»قا ئوخشايدىغان بولۇپ، گەرچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھېچقاچان ئارزۇسىغا يېتىش قەدىمىنى توختاتقان ئەمەس.

ئېلزابىت تايلور تۇغۇلىشىدىنلا شۇنچىلىك گۈزەل. ئۇنىڭ گۈزەللىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. قاپقارا چاچلىرىغا ماسلاشقان، قۇيۇق قاشلىرى، ئاپئاق يۇمران تېرىسىگە ماسلاشقان بەدەن شەكلى، بولۇپمۇ زۇمرەتتەك يېشىل كۆزى ۋە ئوڭ چىكىسىدىكى قارا مەڭ ئۇنىڭ كىنو ساھەسىدىكى «ئەڭ گۈزەل نازىنىن» نامىغا ئېرىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۇ ياش ۋاقتىدا گۈزەللىكىدىن «قاشتېشى قىزى» نامىغا ئېرىشكەن بولسا، ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالسىمۇ، لېكىن ئاشۇ گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان ئېلزابىت تايلور «قاشتاش ئايال» شەرىپىگە ئېرىشتى.

«قاشتاش ئايال» نىڭ ھاياتى ئاجايىپ رىۋايەتكە تولغان. ئۇنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى كىشىلەر تەرىپىدىن ھوزۇرلىنىپ سۆزلەيدىغان تېمىغا ئايلاندى.

تايلورنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە ئەر كىشى بىلەن سەككىز قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى بولغان. دېمەك ئۇ ئۇچىسىغا سەككىز قېتىم «تويلۇق لىباسى» كىيگەن.

1-قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى: باشلىنىشنىڭ ئۆزى بىر ئاخىرلىشىش.

تايلورنىڭ تۇنجى نىكاھ تۇرمۇشى پەقەتلا 8 ئاي داۋاملاشتى.

تايلورنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق توي مۇراسىمىدا، ئۇ خۇددى چۆچەكلەردىكى قار مەلىكىدەك كىشىلەرنى مەھلىيا قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۇچىسىغا كىيگەن ئاپئاق توي كۆڭلىكى گاۋمين كىنو شىركىتىنىڭ لاھىيەلىگۈچىسى ھېلىن روسې لاھىيىلىگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشچە، 3500 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى توي كۆڭلەكنى 15 ئايال تىككۈچى پۈتتۈرگەن.

بۇ نەپىس تىكىلگەن توي كۆڭلەك تايلورنىڭ گۈزەللىكى ۋە رومانتىكىلىقىغا خۇددى «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» قويغاندەكلا ياراشقانىدى. ئۇنىڭ توي كۆڭلىكىدىكى مۈرە قىسمىدىكى يىپەك رەختنىڭ لاھىيەلىنىشى ئاشۇ يىللاردىكى مودىنىڭ نامايەندىسى بولالايدۇ ئەلۋەتتە.

2-قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى: ساددىلىق جەزبىدارغا يولۇققاندا...

دەرۋەقە، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى شۇنچىلىك ئەركىن بولدى. ئۇنىڭ تويلۇق كىيىمى چۆچەكلەردىكى مەلىكىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ئاق لىباسى بولماستىن، ئادەتتىكى كاستيۇم پاسونىدىكى مۇراسىم كۆڭلىكى بولۇپ، ئاق چوڭ ياقىسى بىلەن «كۇلۇچ يوپكا» ۋە مەرۋايىت زەنجىرى بىلەن ئالاھىدە باش بۇيۇمى، قولىدا كۆتۈرۋالغان گۈل گەرچە ئاددىي بولسىمۇ ئەمما شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى. بۇ قېتىملىق توي مۇراسىىمىدا تايلور يەنىلا ئالدىنقى قېتىم توي كۆڭلىكى لاھىيەلىگەن لاھىيەلىگۈچى ھېلىن روسېنى تاللىدى.

3-قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى: تايلورنى ياخشى كۆرگەن ئەر ئۇنىڭدىن ۋاقتىسىز ئايرىلدى.

ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ھوللىۋود داڭلىق كىنو ئىشلىگۈچىسى مايكول تود 1957-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلزابىتنىڭ ئۈچىنچى ئېرى بولدى. بىراق بۇ ئىككەيلەن توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، 1958-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى مايكول ئولتۇرغان خۇسۇسىي ئايروپىلان يېڭى مېكسىكا شىتاتىدا ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تايلورنىڭ ئېرى بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى. مايكول ھادىسە بىلەن قازا قىلغانلىقىتىن تايلورنىڭ بىردىنبىر «ئاجراشمىغان» ئېرى بولۇپ قالدى.

4-قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى: تايلور قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئېرىنى «بۇلاپ» قولغا كەلتۈردى.

1959-يىلى 5-ئايدا توي قىلدى، 1964-يىلى 3-ئايدا ئاجراشتى. بىراق ئۇنىڭ تۆتىنچى ئېرى ئەددىې فىشېرنى يېقىن دوستى Debbie Reynolds دىن ئوچۇق-ئاشكارا «بۇلاپ» قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە بىر قېتىم جامائەتنىڭ نەزىرىدىكى «تۈلكە جىن»غا ئايلاندى. ئۇلار ئارسىدىكى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تېلېۋىزىيە-تىياتىرلاردىكى كۆرۈنۈشلەرگىلا ئوخشايدۇ.

مۇشۇ قېتىملىق توي مۇراسىمىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ توي كۆڭلىكى ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي ئاق رەڭلىك كۆڭلەكلەرنى ئۆزگەرتتى. ئۇ ئۇچىسىغا يېشىل رەڭلىك يىپەك پۈتۈن كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، بېشىغا ئارتقان ياغلىقمۇ ئالدىنقى قېتىمدىكى توي مۇراسىمىدىكىگە ئوخشاپ كېتەتتى. يېشىل رەڭلىك كىيىمنى كىيىپ توي قىلىش بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تولىمۇ غەلىتە كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇنلىغان مودا تاللاشلار ئىچىدە كىشىلەر يەنىلا تايلورنىڭ يېشىل كۆينىكىنىڭ زۇمرەتتەك يېشىل كۆزى بىلەن ئىنتايىن ماسلاشقان دەپ باھا بەردى.

5- 6-قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى: ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشىنى ھوللىۋودتىكى رىۋايەت دېيشىكە بولىدۇ. 1964-يىلى ئىككەيلەن توي قىلدى ئۇلار نىكاھ تۇرمۇشىنى 10 يىل داۋاملاشتۇرۇپ 1974-يىلى ئاجراشتى. بىر يىلدىن كېيىن ئىككەيلەن قايتا يارىشىۋالغان بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر يىلدىن كېيىنلا ئاجرىشىپ كەتتى.

ئەينى ۋاقىتلاردا تايلورنىڭ ئېرىگە قارىغاندىكى ھالىتى بەخت ۋە شاد-خوراملىققا تولغانىدى.

تايلورنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى بۇرتۇن بىلەن ئىككى قېتىملىق نىكاھىدا يەنە داۋاملىق يېڭى ئۈلگە تىكلىدى. بەشىنچى قېتىملىق توي مۇراسىمىدا، ئۇ سېرىق رەڭلىك يىپەك قىسقا كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، ئېرى سوۋغا قىلغان ھەشەمەتلىك زۇمرەت بۇلاپكىنى تاقاپ، كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

6-قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى، ئېرى بۇرتون بىلەن يارىشىۋالغاندىكى مۇراسىم بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇ خۇددى جىڭجۈي تىياتىرى ئوينايدىغانلاردەكلا ياسىنىۋالغانىدى.

7-قېتىمىلىق نىكاھ تۇرمۇشى: ئوخشىمىغان نىكاھ تاللىشى.

بۇ قېتىم تايلورنىڭ ئېرى تاماشا چەمبىرىكىدىن سىياسيونلارغا ئالماشقان بولۇپ، 6-ئېرى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ۋاننېر بولۇپ، تايلور ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ ئۆزىنى كونتىرول قىلالمىغان ئەھۋال ئاسىتىدا، بىراقلا سەمىرىپ كەتتى. ئاخىرىدا ئۇلار 1982-يىلى ئاجراشتى.



8-قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى: ئەڭ ئاخىرقى ئېرى.

تايلور ۋە ئۇنىڭ سەككىزىنچى قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشى 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى لاررىي بىلەن بولدى. تايلورنىڭ 7-ئېرى يۈك ماشىنىسى شوپۇرى بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە قۇرۇلۇش ئىشچىسى. لاررىي تايلوردىن 20 ياش كىچىك بولۇپ، 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى.

تايلور 8 قېتىملىق نىكاھ تۇرمۇشىدا تۇنجى قېتىم ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقىدىلا توي كۆينىكى كىيگەنىدى.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى