دۇنيادىكى ئاجايىپ 15 مەكتەپكە نەزەر

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1542 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/11
elan

«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پاپۇئا پاپۇئا ئۆلكە دەرىجىلىك مەكتەپ. ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار كىيىم كىيمەيدىغان بولۇپ، يالىڭاچ يۈرۈش شۇ يەرنىڭ ئەنئەنىۋىي «مەكتەپ فورمىسى» ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيادا قايسىبىر ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى خالىمايدۇ دەيسىز. ھىندىستاندىكى ئاتا-ئانىلار بىناغا يامىشىپ تۇرۇپ، بالىلىرىغا ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن.

ھىندونېزىيە. بۇ يەردىكى بالىلار ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تۇرۇپ، مەكتەپكە بارىدۇ.

فىلىپپىن. چەت يىراق رايوندىكى بالىلار ھەر كۈنى قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى ئارقىلىق قارشى قىرغاقتىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا بارىدۇ.

كولۇمبىيە. بۇ يەردىكى بالىلار ھەر كۈنى دېگۈدەك، ئۇزۇن يول يۈرۈپ مەكتەپكە بارىدۇ. بالىلار مەكتەپكە بېرىش يولىدا ھەر قېتىم ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىر كېلىدىغان كابېل ئۈستىدىن سىيرىلىپ ئۆتىدۇ. دېمەك ئۇلارمۇ شۇنچىلىك خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ مەكتەپكە بارىدۇ.

ھىندىستان. دۇنيادىكى ئەڭ ئاجايىپ مەكتەپكە ئىگە بولغان دۆلەت.

ھىندىستاندىكى بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلغىنىغا 9 يىلدىن ئاشتى. بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئىدى.

شۋېتسىيە. بۇ يەردە 30دىن ئارتۇق تور مەكتىپى بار بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر مەخسۇس ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايدىغان بالىلار ئۈچۈن سېلىنغان. بۇ يەردىكى بالىلار مەخسۇس ۋاقىت جەدىۋىلى ۋە تۈگىمەس ئائىلە تاپشۇرۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي ئازاد قىلىنغان.

شۋېتسىيە. بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ خالىغىنى بويىچە، ئىش قىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بالىلارنىڭ ئۆز خاسلىقىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن ۋە شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە، ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى قېزىپ چىقىدىكەن.

ھىندسىتان يېڭى دېھلىدىكى پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللىنىپ قۇرغان كۆۋرۈك ئاستىدىكى بالىلار مەكتىپى.

ھىندىستاندىكى بۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بالىلارغا ھېسابلاش، ئىنگىلىز تىلى ۋە كىتاب ئوقۇش قاتارلىق دەرسىلەرنى ھەقسىز ئۆگىتىپ قويماقتا.

رۇسىيە. بۇ يەردىكى كىشىلەر بالىلىرىنى تىك ئۇچار بىلەن مەكتەپكە ئەكىلىپ قويىدۇ.

نېپال. بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار خالىغان ۋاقىتىدا ھىمالايا تاغ باغرىغا چىقىپ دەرس ئاڭلايدىغان بولۇپ، بۇ يەر دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى.

نىگېرىيەدىكى كۆچمە مەكتەپ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلار نىگېرىيەدىكى نامرات رايونلارغا بېرىپ بالىلارغا دەرس ئۆتۈپ بېرىدۇ. بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى يەر بېجىنى تۆلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئۇلار ئاساسەن سۇ ئۈستىدىكى قولۋاقلاردا دەرس ئاڭلايدۇ.

ھىندىستان. ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى كۆرۈنۈش. بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا قىستىلىشىپ يۈرمەكتە. بۇ يەردە دەسسلىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىشى تولىمۇ نورمال ھادىسە ئىدى.

پەلەستىن. غەززە رايونىغا جايلاشقان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىي مەشىق بازىسىنىڭ ۋەيران قىلىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ يەردە كۈندە دېگۈدەك بىر قانچە بومبىلار «ئۇچۇپ» يۈرەتتى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى