شى جىنپىڭ: خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 859 يوللانغان ۋاقىت : 2016/08/24
elan

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

خەلقنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك


لى كېچياڭ سۆز قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنى 19–ئاۋغۇستتىن 20–ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ. خەلقنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، ساغلاملىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساغلاملىق مۇھىتى بەرپا قىلىش، ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلەندۈرۈپ، ‹‹ ئىككى 100 يىل›› لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سېلىش كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ساغلاملىق ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي شەرتى، مىللەتنىڭ ئاسايىشلىقى ۋە دۆلەتنىڭ باي – قۇدرەتلىك بولۇشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپلا، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى بىلەن زىچ باغلاپ كەلگەن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسى مۇقىم ئېشىپ، جامائەت ساقلىق ساقلاش ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە كېسەل مۇداپىئە–كونترول ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرىلىدى. ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىنى ئاچتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمەتچىلىرى ‹‹ھاياتلىقنى ئاسراش، ئۆلۈمگە ئامال ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، چەكسىز مېھىر – شەپقەتلىك بولۇش›› روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جاندىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، بولۇپمۇ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىتى ئالدىدا، زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمەتچىلىرى خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، قەتئىي باش تارتماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق سېپىدە ئۇزاقتىن بۇيان كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە تېببىي خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى شۇنىڭدەك كېسەللىك سىپېكتىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ئېلىمىز يەنىلا كۆپ خىل كېسەللىك تەھدىتى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆپ خىل ئامىل گىرەلەشكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىپلا قالماستىن، يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق مەسىلىسىگىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. مۇبادا بۇ مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىسا، مۇقەررەر ھالدا خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، جۇڭگوچە ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، بەزى زور مەسىلىلەرنى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك. توغرا بولغان ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتكە كىرگۈزۈپ، خەلق ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئاساسىي داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئادىل، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، سىستېمىلىق، سىجىل ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساغلاملىق مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ئادىل ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئاساسىي داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ساھەسىدە قىلىدىغاننى قىلىشى، ئاساسىي داۋالاش–ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن باشقا ساھەدىكى بازارنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ھاياتلىقنىڭ دەۋرىيلىكىدىكى ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تىرىشىپ تەمىنلەش كېرەك. ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تاكتىكىسىنى ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇشىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى، ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات رايونلاردا ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق تامىقى ياكى ئوزۇقدان ھەرىكىتىنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئانا–بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياشانغانلارنى ئىزچىل ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مېيىپلەرگە قارىتىلغان ‹‹ھەممەيلەننى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش›› نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ساغلاملىق بويىچە يۆلەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. ساغلام، مەدەنىي ياشاش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ساقلىق ساقلاش، ئومۇميۈزلۈك ساغلام بولۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشنى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئايلاندۇرۇپ، ساغلاملىق تەربىيەسى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق چېنىقىشى بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پىسخىكا ساغلاملىقى مەسىلىسىدىكى ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، پىسخىكا ساغلاملىقى بىلىملىرى ۋە پىسخىكا كېسەللىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پىسخىكىلىق داۋالاش، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق پىسخىكا ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ساغلاملىقىنىڭ ئاساسى. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئاساسەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قاتتىق قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىت ۋە ساغلاملىق كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، خەۋپ – خەتەرنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاتموسفېرا، تۇپراق، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساغلام، ياشاشقا مۇۋاپىق، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان ھەر بىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا بولغان تەھدىتىنى تىرىشىپ ئازايتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىيىن باسقۇچقا، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسىي داۋالاش–ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈزۈمى، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى تۈزۈمى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئاساسىي داۋالاش–ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بىر–بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ساغلاملىق، كۈتۈنۈش مەدەنىيىتىدىكى ئىجادىي ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ھەققى تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات بوشلۇقى، كەسىپكارلىق مۇھىتى، ئىجتىمائىي ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىن تۇتۇش قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ساقلىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئېلىمىزدىكى ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خادىملىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دوختۇرلۇق ئەخلاقى ۋە دوختۇرلۇق ئىستىلى قۇرۇلۇشى، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئەڭ ياخشى ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تېببىي ئىشلارغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا، بولۇپمۇ تېببىي خادىملارنى يارىلاندۇرىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن سەمىمىي ۋەدىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ زور ئەلرايى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈپ تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭ تەلەپ قويۇش، تەڭ تەكشۈرۈپ باھالاش، يەرلىكنىڭ ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى، پەرقلىق ئىزدىنىشىنى قوللاش كېرەك. ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرنى باھالاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتى، مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرىنى سىستېمىلىق باھالاش كېرەك. ئاھالىنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلاملىق، داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئېلىمىز خەلقئارادىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، دۇنيا بويىچە ساغلاملىقنى ياخشىلاشقا قاتنىشىش جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىكى چوڭ دۆلەتلىك ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنىڭغا ياخشى باھا بەردى. بىز ساغلاملىققا ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم، قېلىپ قاتارلىقلار تەتقىقاتى ۋە سۆھبىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور تاسادىپىي جامائەت ساقلىق ساقلاش ھادىسىلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا قاتنىشىش بويىچە چەت ئەللەرگە جىددىي ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى لىنىيەسى بويىدىكى ئەللەر بىلەن بولغان ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەر ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇمىيلىق يۈكسەكلىكىدىن چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، رايونلار، تارماقلار ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادىل بولۇش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ۋە ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى نىشان قىلىپ، تېببىي دورا–ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. داۋالاش سۇغۇرتىسى تۆلەم شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ‹‹چوڭ رېتسېپ››، ‹‹چوڭ تەكشۈرۈش›› قاتارلىق زىيادە داۋالاش ھادىسىلىرىنى ئازايتىش كېرەك. ئىككى يىلدا، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەرەپ–تەرەپكە قاتراش ۋە پۇل تۆلەپ تۇرۇش ئەھۋالىنى ئازايتىش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق بېقىش›› مېخانىزمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاساسىي داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىش ھەققى تەقسىمات مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى داۋالاش–ساقلىق ساقلاش بايلىقى تەمىناتىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، بازار ئىجازىتى، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىش ۋە چوڭ تىپتىكى ئەسۋاب–ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دورا ئۇچۇرلىرىنى پۈتۈن مۇساپىلىك سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوبوروت ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ، چىقىمنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئۆلچىمى ۋە جۇڭگونىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنى يارىتىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ساغلاملىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەدەت بېرىش، بولۇپمۇ كۈتۈنۈش، ساياھەت، ئالاقە تورى، چېنىقىش ۋە ئىستراھەت، يېمەكلىكتىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈر بىلەن بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا، چەت، يىراق ۋە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا يۈزلەنگەن يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. داۋالاش، ساغلاملىق بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈلمە–مېخانىزم توسىقىنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق يېڭى كەسىپى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ساغلاملىق ساھەلىرىنى ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ساغلاملىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق يەر ۋە باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى مۇھكىمە قىلىپ تۈزۈش، مەركەز ۋە يەرلىك مالىيەنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىرېدىت، زايوم قاتارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش–قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ساغلاملىق كەسىپلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۈي ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سەنمىڭ شەھىرى، چۇڭچىڭ شەھىرى ‹‹ۋەنشېڭ›› ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-08/22/content_543017.htm



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى